ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاشقا دائىر يېڭى بەلگىلىمە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-05 09:24

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاشقا دائىر يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەخلاق، قابىلىيەت ئىپادىسى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا باھالاش، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، مەزمۇن ئۆلچىمى، شەكلى، تەرتىپى، نەتىجىسىنى تەتبىقلاش قاتارلىقلارغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى. 

باھالاش بەلگىلىمىسىدە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش ئۇسۇلى ئاساسلىقى يىللىق باھالاش ۋە تەكلىپ قىلىش مۇددىتىدە باھالاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئادەتتىكى باھالاش، مەخسۇس تۈر بويىچە باھالاش قانات يايدۇرۇلىدۇ. يىللىق باھالاش كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئىپادىسىگە بېرىلگەن ئومۇمىي باھا بولۇپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق باھالاشتا مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇش نىسبىتى ئادەتتە شۇ ئورۇندىكى يىللىق باھالاشقا قاتنىشىدىغان خىزمەتچى خادىملار ئومۇمىي سانىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

باھالاش بەلگىلىمىسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاشتا ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى ۋە ئۈستىگە ئالغان خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئاساس قىلىپ، ئەخلاق، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق، نەتىجە، پاكلىق قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك باھالاش، ئەخلاق ۋە نەتىجىنى باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. باھالاش نەتىجىسى بىلەن ئۆستۈرۈپ تەيىنلەش، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىش ئورنى، ۋەزىپىسى، كەسپىي دەرىجىسى، مائاشىنى تەڭشەش ۋە ئۇنۋانىنى باھالاش، مۇكاپاتلاش، شۇنىڭدەك تەكلىپلىك ئىشلىتىش (تەيىنلەش) توختامىنى ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىش، بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساس قىلىش كېرەك. 

باھالاشتا دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ باھالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدارىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دەل جايىدا بولۇش ۋە پەرقلىق بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان تىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كونكرېت تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. 

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي ئورۇنلار كادىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سابىق كادىرلار مىنىستىرلىقى تارقاتقان «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» نىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى. بۇ يېڭى باھالاش بەلگىلىمىسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى روھى، يېڭى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاشقا دائىر يېڭى بەلگىلىمە

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەخلاق، قابىلىيەت ئىپادىسى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا باھالاش، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش ئۈچۈن،