ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا مۇقىم ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-05 09:25

[جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ رەقەملىك كودىنى يېشىش] سودا مىنىستىرلىقى: 2022-يىلى سودا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىستېمال بازىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تاشقى سودا مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى.

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، سودا مىنىستىرلىقى: 2022-يىلى سودىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇلغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى گو تىڭتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2022-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، پۈتۈن يىللىق ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 44 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، 2021-يىلىدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.

گو تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ئەمەلىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى %6.2 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئېشىپ، %27.2كە يەتتى. ئىستېمال مەنزىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىستېمال تەسىراتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجى تېز قويۇپ بېرىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى %93.4 ئاشتى. 

بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، سودا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار بىلەن بىرلىكتە پائال تاقابىل تۇردى. تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن يىللىق تاشقى سودا كۆلىمىدە يەنە تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، مال ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 40 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 4 تىرىليون 210 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.7 ئاشتى، دۆلىتىمىز مال سودىسىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئۇدا ئالتە يىل ساقلاپ كەلدى. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى شىڭچيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2022-يىلى جۇڭگونىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى 2021-يىلىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تۈپ سان ئاساسىدا يېڭىدىن ئاشتى، توكلۇق ئاپتوموبىل، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى، لىتىيلىق باتارېيە ئېكسپورتى ۋەكىللىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. پۈتۈن بىر يىلدا مال ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %17.1 كە يېتىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 0.5 پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودا مۇقىم ئاشتى

[جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ رەقەملىك كودىنى يېشىش] سودا مىنىستىرلىقى: 2022-يىلى سودا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىستېمال بازىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تاشقى سودا مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى.