ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىققەت! بوران چىقىدۇ+تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-05 09:28

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ھاۋاسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇستىن 6 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. جەنۇبىي جۇڭگودىكى رايونلارمۇ سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇدا يامغۇر ياغىدۇ.

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلۈش سەۋەبلىك بوران چىقىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. 

خېنەن، خۇبېي قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. 

دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا غەربتىن شەرققە قاراپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخەي، غەربىي سىچۈەن ئېگىزلىكى، جىلىن، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇيجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا 4~5 بال شامال چىقىدۇ، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال رايونى، خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسى، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۆتكۈنچى شامال 7~9 بالغا يېتىدۇ.

1-فېۋرال غەربىي شىمالدىن شىمالىي جۇڭگوغىچە، خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسى ئەتراپىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، بۈگۈن (2-فېۋرال) شىمالدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلىدى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، جەنۇبتا قار-يامغۇر ئاز يېغىشتەك ئەھۋال ئاخىرلىشىپ ئۇدا يامغۇر ياغىدىغان مەزگىلگە قەدەم قويدى.

تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن (1-فېۋرالدىن 2-فېۋرالغىچە) جەنۇبتىكى رايونلاردا ھۆل-يېغىن كۆپ بولدى، ئەمما ئومۇمىي كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىر قەدەر ئاجىز بولدى.

3-فېۋرالدىن باشلاپ ھۆل-يېغىن كۈچىيىدۇ، خۇنەن، جياڭشى، گۇاڭشى ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ.

مۆلچەرلىنىشچە، 2-ئاينىڭ باشلىرىدا جەنۇبتا بۇ خىل يامغۇرلۇق ھاۋارايى ئىزچىل داۋاملىشىدىكەن. 1-فېۋرالدىن 5-فېۋرالغىچە چاڭجياڭ-خۇەيخې، چاڭجياڭ-خەنجياڭ، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو ۋە غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بىر قېتىم ئاز ياكى ئوتتۇرھال يامغۇر ياغىدىكەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، جياڭشى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش!

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە تېمپېراتۇرا پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قېلىنراق كىيىنىڭ!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىققەت! بوران چىقىدۇ+تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ھاۋاسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ،