ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە مەجبۇرىي ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 09:02

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق 5 تارماق «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىپ «كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى

■دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ھەق ئېلىشقا ياكى چېتىپ ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ

«كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەت مەنبەسى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ياردەم خىراجىتى، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ياكى ۋاكالىتەن ئېلىنىدىغان ھەق (مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلارغا ۋاكالىتەن ئالىدىغان ھەقنى كۆرسىتىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەق ئېلىش تۈرىنى كۆپەيتىش، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە بولمايدۇ، ياتاقلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دائىملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇلازىمەت ھەققى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي ھەق ئېلىشقا ياكى چېتىپ ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

■شىنجاڭدا دەرستىن كېيىنكى بىر سائەتلىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بىر مەۋسۇمدا تۆلەيدىغان ھەق 200 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ

«كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپ ئۆزى تەمىنلىگەن دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ھەققى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇلىدۇ، تەننەرخ تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە پايدا ئالماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشى ۋە ۋاكالىتەن ھەق ئېلىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، ھەق ئېلىش [2011] 2839-نومۇرلۇق) دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ، دەرستىن كېيىنكى بىر سائەت ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئېلىنىدىغان ھەق بىر ئوقۇغۇچىغا بىر مەۋسۇمدا 200 يۈەندىن ئاشمايدۇ. ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ. 

ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەردىكى تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ياردەم پۇلىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش سەۋىيەسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە مەكتەپ تەمىنلىگەن دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ مەزمۇنى، ئۇسۇلى، تەننەرخى، سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن مۇۋاپىق تۈزۈپ، جانلىق تەڭشەپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ناھىيە (شەھەر، رايون) نىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

■شىنجاڭدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر تەنتەربىيە، مەدەنىيەت-سەنئەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتناشتۇرسا بولىدۇ

«كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەر تەنتەربىيە، مەدەنىيەت-سەنئەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق غەيرىي پەن تۈرىدىكى دەرستىن سىرتقى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتناشتۇرسا بولىدۇ، سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن غەيرىي پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش تۈرلىرى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەق دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ھەققى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ بىرتۇتاش ئېلىنسا ياكى ئايرىم ھالدا ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ئېلىنسا بولىدۇ، لېكىن تەكرار ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ. مەكتەپ سىرتىدىكى غەيرىي پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەكلىپ قىلىش پىرىنسىپى، شەرت-تەرتىپى، قېلىپلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە باھالاش-چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. 

■مەكتەپلەر مەكتەپ تورى، ئاتا-ئانىلار توپى ئارقىلىق دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەزمۇنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىشى كېرەك

«كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەر ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە «بىر مەكتەپ بىر لايىھە تۇرغۇزۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. مەكتەپلەر تەۋەلىك بويىچە تەرەققىيات-ئىسلاھات تارماقلىرىدا ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش رەسمىيىتىنى، باج تارماقلىرىدا ئۇچۇرنى جەزملەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ ھەمدە شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ھەق ئالىدۇ. دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ھەققى ئاي ياكى مەۋسۇم بويىچە ئېلىنىدۇ، مەۋسۇم ئاتلاپ ئالدىن ئېلىشقا بولمايدۇ. 

«ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دىكى سىياسەتلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە، مەكتەپلەر ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە «بىر مەكتەپتە بىر لايىھە تۇرغۇزۇش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەۋسۇم بېشىدا مەكتەپ تورى، ئاشكارىلاش تاختىسى، ئۈندىدار، سىنىپ ئاتا-ئانىلار توپى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمئىيەتكە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت ئۇسۇلى، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ياكى ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، مالىيە ياردىمى، خىراجەت چىقىم ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلان قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە مەجبۇرىي ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ!

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق 5 تارماق «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىپ «كاپالەتلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى