ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-06 15:13

چاغاننىڭ 15-كۈنى پانۇس سەيلىسى قىزىپ كەتتى، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى-يۈەنشياۋ بايرىمى، ھەر قايسى جايلاردىكى كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

كىشىلەر يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزدى. فۇجيەننىڭ پۇتيەندە، كىشىلەر شۇ جايدا مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن خەلق ئۇسسۇلى بولغان ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناپ، يېڭى بىر يىلدا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى تىلىدى. 

كوئىنلۇن تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان شىنجاڭنىڭ قۇرۇمقاشتا، كوچا ئويۇنى قىزىپ كەتتى. شىزاڭنىڭ لاسادا يۈەنشياۋ بايرىمىلىق ناخشا-ئۇسسۇل، شادىيانە كۈلكىلەر ئۈزۈلمىدى.

جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن ناھىيەسىنىڭ گۇڭگې كەنتىدە، ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينالدى، شۇ جايدىكى ئەنئەنىۋى ئەلئىچى پانۇس سەيلىسى بولغان ماۋتيەن پانۇس سەيلىسى قىزىپ كەتتى، بايرام قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە تېپىشماق تېپىپ، تاڭيۈەن تۈگۈپ، يېڭى بىر يىلنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. 

چاغاننىڭ 15-كۈنى، يۈننەننىڭ دېخۇڭدا، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىپادىلىدى. خۇبېينىڭ ۋۇخەندە، ئەجدىھا شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچى تولۇق نامايەن قىلىندى. چۇڭچىڭنىڭ بىشەن رايونى، سەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھىرىنىڭ جېنشىڭ بازارچىسىدا، كىشىلەر مول، رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھېس قىلدى. شاڭخەيدە، كۆپچىلىك سۇ يۇرتى قەدىمىي بازىرىنى سەيلە قىلىپ، تېپىشماق تېپىپ، ئۆزگىچە خۇشاللىققا چۆمدى. جياڭسۇنىڭ دۇڭتەيدە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئايلىنىپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ماھارىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

پانۇسلار ئەتراپنى كۈندۈزدەك يورۇتتى، كىشىلەر كوچىلارغا لىق تولدى. خېيلوڭجياڭنىڭ خاربىن شەھىرىدىكى قار-مۇز دۇنياسىدا، يۈەنشياۋ بايرىمىلىق سەيلە باشلاندى، ساياھەتچىلەر مۇز چىراغ سەيلىسى قىلىپ، قار-مۇز ئويۇنى ئوينىدى. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىدە، بايراملىق پائالىيەت قىزىپ كەتتى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە، كىشىلەر رەڭدار پانۇسلارنى تاماشا قىلىپ، بازار ئايلىنىپ، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرۈپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال ئۆتكۈزدى.

شادىيانە يۈەنشياۋ بايرىمىدا ھەممە ئائىلە خۇشاللىق بىلەن جەم بولدى. بايرامدا، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرىدىكى لىڭخې كەچلىك بازىرى، بېيجىڭنىڭ شىجىڭشەندىكى مىڭ يىللىق كارۋان قەدىمىي يولى، خەينەننىڭ خەيكۇدىكى يۈەنشياۋ سەيلىگاھىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى. خۇنەننىڭ چاڭشا، گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ، تيەنجىننىڭ بىنخەي يېڭى رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزگىچە پائالىيەتلەر شەھەر ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان كاتتا مەرىكە ئېلىپ كەلدى. جىلىننىڭ دائەندە، شەرقىي شىمالنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش، ئەنخۇي ئۆلكىسى يىشيەن ناھىيەسىنىڭ خۇڭسۈن كەنتىدە پانۇس سەيلىسى قىلىش، چىڭخەينىڭ خەيدۇڭدا خۇاڭخې پانۇس سەيلىسى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى.

گازارمىلاردىمۇ يۈەنشياۋ بايرىمى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈلدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناش، پانۇس ياساش، تېپىشماق تېپىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قىسىم چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر يەنە ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مول مەزمۇنلۇق قار-مۇز مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شاھمات، ئارغامچا تارتىشىش، پۇتبول قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى قار-مۇز ئامىللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سۈرئەت ۋە  ھېسسىيات، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق جەريانىدا قار-مۇز ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە سېھرىي كۈچنى ھېس قىلدى.

يۈەنشياۋ بايرىمى كۈنى، شياڭگاڭنىڭ جيەنشازۈيدىكى شىڭگۇاڭ يولىدا، جۇڭگونىڭ مىللىيچە ئۇسسۇلى، شىر ئويۇنى، تېپىشماق تېپىش قاتارلىق پائالىيەتلەر شەھەر ئاھالىلىرىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاۋمېندىكى ئاساسلىق قاتناش يولى بولغان يېڭى يول پىيادىلەر رايونىغا ئايلاندى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر توشقان، نېلۇپەر قاتارلىق شەكىللەردىكى گۈللۈك پانۇسلار ئالدىدا، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، رەسىم سىزىش، مۇزىكا قاتارلىق ئېسىل نومۇرلارنى كۆردى.

تەيبېيدا، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان تەيۋەن پانۇس سەيلىسىدە چوڭ-كىچىك كوچىلارغا ھەر خىل پانۇسلار ئېسىلدى. نەپىس شەكىل بىلەن يۇغۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان فوتو ئېلېكتىر، ھەرىكەتچان مېخانىك ئۈنۈم شەھەر ئاھالىلىرىنى ھەيران قالدۇردى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

چاغاننىڭ 15-كۈنى پانۇس سەيلىسى قىزىپ كەتتى، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى-يۈەنشياۋ بايرىمى، ھەر قايسى جايلاردىكى كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.