دېڭىز-ئوكياندا 170 تىرىليون دانە سولياۋ زەررىچە بايقالدى
فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 10-مارت خەۋەر قىلىشىچە، بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سولياۋ ئەخلەتلەرنىڭ بۇلغىشى سەۋەبىدىن 2019-يىلىغىچە يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ يۈرگەن سولياۋ زەررىچىلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 170 تىرىليون دانىگە يەتكەن بولۇپ، دېڭىز-ئوكياننىڭ سولياۋدىن بۇلغىنىشى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان.
شۇ جاي ۋاقتى 8-مارت، خەلقئارالىق ژۇرنال «ئاممىۋى ئىلىم-پەن كۇتۇپخانىسى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلىغىچە، يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ يۈرگەن سولياۋ زەررىچىلەر 170 تىرىليون دانىگە، ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ توننىغا يەتكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تەتقىقاتچىلار ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ 1979-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان 40 يىلدىكى بۇلغىنىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ، 1990 -يىلدىن ئىلگىرى سولياۋ ئەخلەتلەردە روشەن كۆپىيىش يۈزلىنىشى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، 1990-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋالغۇنىش كۆرۈلگەنلىكىنى، 2005-يىلىدىن كېيىن تېز كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دېڭىز-ئوكياندىكى كۆپ قىسىم سولياۋ ئەخلەتلەر بېلىق تورى ۋە لەيلەپ تۇرىدىغان بېلىقچىلىق سايمانلىرى، ئۇنىڭدىن قالسا، كىيىم-كېچەك، ئاپتوموبىل بالونى ۋە بىر قېتىملىق سولياۋ بۇيۇملار قاتارلىقلار ئىكەن. تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، بۇ سولياۋلار دېڭىزغا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن پارچىلىنىپ تېخىمۇ كىچىك سولياۋ دانىچىلىرىگە ئايلانغان، بەزى دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ئۇنى يېمەكلىك دەپ خاتا يەۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
ئىقتىسادشۇناسلار ئاقىللار ئامبىرى بىلەن ياپونىيەنىڭ پايدا ئالمايدىغان ئورگىنى «ياپونىيە مالىيە گۇرۇھى» بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سولياۋ ئىشلىتىش مىقدارى 2019-يىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچە كۆپىيىپ، 451 مىليون توننىغا يېتىدىكەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئەگەر تەدبىر قوللىنىپ تىزگىنلىمىسە، پۈتۈن دۇنيادا سولياۋ ئەخلەتلەر يەنىمۇ كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيان بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.