ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ گۇماندارنى تۇتىشىپ بەرگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەن ئىنئام بېرىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-16 08:34

14-مارت چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايەت يىپ ئۇچى توپلاش توغرىسىدا بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇقتۇرۇشتىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمى توردا بىرىنچى ئورۇندىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى.

14-مارت نەندۇ تاراتقۇسى مۇخبىرى شىنىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئېلان قىلغان ما دۇڭمېينىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يىپ ئۇچىنى توپلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا دىققەت قىلدى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، شىنىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شۇ كۈندىن باشلاپ ما دۇڭمېينى تۇتقانلارغا ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى، ئومۇمەن مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ياكى بىۋاسىتە تۇتۇشۇپ بەرگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلغان.

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، شىنىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق لى شېڭبياۋنىڭ مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلوسىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ما دۇڭمېي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى بېرمىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇرۇھى بايقالغان ھەمدە بۇ گۇماندارلار ج خ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نۇقتىلىق خادىملار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: شىنىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 14-مارتتىن باشلاپ ما دۇڭمېينى تۇتقانلارغا ئىنئام بېرىشنى قارار قىلدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى، جىنايەت گۇماندارى ما دۇڭمېينىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى بايقىسا، دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشنى ياكى 110غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىنى سورايمىز. ئومۇمەن مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ياكى بىۋاسىتە تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. ج خ ئورگانلىرى پاش قىلغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتىدۇ ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قېچىپ يۈرگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئومۇمەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەمدە زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلارغا قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، يوشۇرغان، قانات ئاستىغا ئالغان، قېچىپ يۈرگەنلەرگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ياكى قېچىپ يۈرگەنلەرنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىرىشىغا ياردەم بەرگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ، پاش قىلغۇچىلارغا زەربە بەرگەن، ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلارنى قانۇن بويىچە ئېغىر جازالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ گۇماندارنى تۇتىشىپ بەرگەنلەرگە 30 مىڭ يۈەن ئىنئام بېرىلىدۇ

14-مارت چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايەت يىپ ئۇچى توپلاش توغرىسىدا بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇقتۇرۇشتىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمى توردا بىرىنچى ئورۇندىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى.