ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئاشماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-26 15:43

ئېلىمىزدىكى كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئاشتى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا، دۆلىتىمىزدىكى كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سىرتقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايەن بولغان.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى سەيدى تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا، «كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە» كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئېشىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %5.2 ئاشقان. كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان.

ئىككى كۈندىن بۇيان، شەنشىنىڭ باۋجىدىكى ماشىنا ئادەمنىڭ ھالقىلىق زاپچىسى بولغان گارمونىك دولقۇنلۇق سۈرئەت كېمەيتكۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان «كىچىك گىگانت» كارخانىدا ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ، ئەمدىلا قوبۇل قىلغان 30 مىليون يۈەنلىك زاكازنى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. 1-پەسىلدە كارخانىنىڭ زاكاز مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان، 3-ئايدىلا %30 ئاشقان.

كارخانىلارنىڭ زاكاز مىقدارى كۆپەيدى، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىمۇ ئاشتى. جياڭشىنىڭ گەنجۇدا، شۇ جاي كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارغا قارىتا مەخسۇس سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەپ، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈردى. سىچۈەننىڭ ميەنياڭدا، شۇ جاي مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كارخانىلارغا مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىپ، مۇھىتنى ياخشىلىدى.

قوللاش سىياسىتى ۋە بازار ئېھتىياجىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنىڭ تەسىرىدە، 2-ئايدا، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كېڭىيىش كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، خېرىدار چاقىرىش سانى ۋە تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا  %8.3  ۋە %3.6 ئاشتى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا 5-تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى ھەمدە كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەلا تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 80 مىڭدىن، «كىچىك گىگانت» كارخانا 10 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئاشماقتا

ئېلىمىزدىكى كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئاشتى