ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىنى ئۇرغان يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئىشتىن بوشىتىلدى!

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-27 08:45

   يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بىر بالىنى قۇلىقىدىن تۇتۇپ نەچچە مېتىر يەرگىچە سۆرەپ ئاپارغان ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتى يوق جايدا بالىنى شاپىلاق بىلەن ئۇرغان، بۇ ۋەقەگە دائىر سىن توردا تارقالغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

 چېڭدۇدىكى بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى يېقىندا بالىلارنى خورلاش قىلمىشى سادىر قىلغان 

يېقىندا، چېڭدۇ شەھىرىدە بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بىر بالىنى قۇلىقىدىن تۇتۇپ نەچچە مېتىر يەرگىچە سۆرەپ ئاپارغان ۋە شاپىلاق بىلەن ئۇرغان. 

چېڭدۇ شەھىرى جىننيۇ رايونى جىنبولو يەسلىسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى كامېرادا تارتىلغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، قىزىل كىيىم كىيگەن بىر ئايال بىر ئوغۇل بالىنى گەجگىسىدىن تۇتۇپ سىنىپقا سۆرەپ ئېلىپ كىرىپ، تېلېكامېرا يوق جايغا ئېلىپ بارغان. تەخمىنەن 30 سېكۇنتتىن كېيىن ئوغۇل بالا سىندا كۆرۈنگەن، ئۇ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرماقچى بولغان، مۇئەللىم يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچىنى سول قولىدا تۇتۇپ كارىدور تەرەپكە بارماقچى بولغان. بۇ چاغدا ئوغۇل بالا يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ مۇئەللىمگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. مۇئەللىم يېنىچە تۇرۇپ ئوڭ قولىدا ئوغۇل بالىنىڭ قۇلىقىنى، سول قولىدا مۈرىسىنى تۇتقىنىچە بالىنى سۆرەپ كارىدورغا ئېلىپ كىرگەن ۋە كامېرا يوق رايونغا ئۆتۈپ كەتكەن.

ئوقۇتقۇچى بالىنى نازارەت قىلىش كامېراسى يوق جايغا ئېلىپ ماڭدى.

 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مۇئەللىم بالىنى ئاتايىن نازارەت قىلىش كامېراسى يوق جايغا ئېلىپ بېرىپ كاچىتىغا ئۇرغان، بۇ جەريان بەش مىنۇتچە داۋاملاشقان، لېكىن باشقا نۇقتىدىن تارتىلغان سىنلارنىڭ ھەممىسى بەك غۇۋا».

ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇئەللىم بالىنى كامېرا يوق بۇلۇڭغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا تەن جازاسى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلغان. 

ئىشقا چېتىشلىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسى خىزمەتتىن ھەيدەلدى

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن، تەكشۈرۈش جەريانىدا دوختۇر بالىنىڭ قۇلىقىنى تۇتماقچى بولغاندا بالا قورقۇپ قۇلىقىنى قاچۇرغان، ھازىر كەسپىي خادىملار پىسخىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىۋېتىپتۇ. 

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى چېڭدۇ شەھىرى جىننيۇ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يەسلى مۇئەللىمى ئىشتىن بوشىتىلغان، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، چېڭدۇ جىنبولو يەسلىسى جىننىيۇ رايونىدىكى قۇرۇلغىنىغا 10 يىل بولغان پۇقراۋى يەسلى بولۇپ، شۇ جايدا خېلى كۆزگە كۆرۈنگەنىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىنى ئۇرغان يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئىشتىن بوشىتىلدى!

يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بىر بالىنى قۇلىقىدىن تۇتۇپ نەچچە مېتىر يەرگىچە سۆرەپ ئاپارغان ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتى يوق جايدا بالىنى شاپىلاق بىلەن ئۇرغان، بۇ ۋەقەگە دائىر سىن توردا تارقالغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.