ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرامپ قولغا ئېلىنامدۇ؟

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-27 08:52

تىرامپنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلىنىش-ئەيىبلەنمەسلىكى يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 22-مارت ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئەسلىدە شۇ كۈنى ئېچىلماقچى بولغان ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپقا چېتىشلىق «ئېغىز يۇمدۇرۇش پۇلى» دېلوسى توغرىسىدىكى چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ يېپىق شەكىلدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن تىرامپنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلىنىش-ئەيىبلەنمەسلىكى يەنىلا بىر سىر بولۇپ قالغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلار 22-مارت ئېچىلماقچى بولغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى كېلەر ھەپتىگە كېچىكتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن دېدى.

بۇ تىرامپنىڭ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئاق سارايدا تارتىلغان سۈرىتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، 22-مارت ئېچىلماقچى بولغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى ھېچبولمىغاندا تەپتىش تەرەپنىڭ تىرامپنى رەسمىي ئەيىبلەش-ئەيىبلىمەسلىك مۇساپىسىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرگەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەگەر چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى ئاۋاز بېرىپ قوشۇلغاندىن كېيىن تەپتىش تەرەپ رەسمىي ئەيىبلىسە، 76 ياشلىق تىرامپ جىنايى ئىشلار جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئامېرىكىنىڭ تۇنجى سابىق زۇڭتۇڭى بولۇپ قالىدىكەن.

تىرامپ 18-مارت ئۆزىنىڭ 21-مارت قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى «پەملىگەن» ھەمدە قوللىغۇچىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلغان. لېكىن 22-مارتقىچە، تىرامپ ئەيىبلەنمىگەن ياكى قولغا ئېلىنمىغان.

تىرامپ 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمى ھارپىسىدا، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى شەخسىي ئادۋوكاتى مايكول كوخېننى ساھىبجامال چولپان دانىلىسقا 130 مىڭ دوللار بېرىش ئارقىلىق، قارشى تەرەپنىڭ قولىدىكى تىرامپنىڭ سەتچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى بېسىقتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. دانىلىس ئۆزىنىڭ تىرامپ بىلەن ناتوغرا مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتقان، لېكىن تىرامپ بۇنى ئىنكار قىلغان.

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، تىرامپنىڭ بۇرۇنقى شەخسىي ئادۋوكاتى كوخېن (ئوتتۇرىدا) نيۇيورك مانخاتتان رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن چىقتى. شۇ كۈنى، كوخېن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى 2018-يىلىلا «ئېغىز يۇمدۇرۇش پۇلى» ۋەقەسىدە كوخېننى جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلغان، ئۇ ئەينى چاغدا تىرامپنىڭ يوليورۇقى بويىچە شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان، لېكىن تەپتىش مەھكىمىسى تىرامپنى ئەيىبلىمىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، نىيۇيورك مانخاتتان تەپتىش مەھكىمىسى كۆپ قېتىم بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى قايتىدىن باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئاخىرى چىقمىغان.

ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشكە نىيۇيورك مانخاتتان رايونىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئارۋېن پىراگا مەسئۇل بولغان، بۇ دېلونى قاراپ چىقىدىغان چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى بۇ يىل 1-ئايدا تەشكىللەنگەن، ھازىر ئىسپات ئاڭلاش باسقۇچى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى.

تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 20-مارت ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، بىر گۇۋاھچى تىرامپقا پايدىلىق گۇۋاھلىق سۆزى بېرىپ، كوخېن «ئېغىز يۇمدۇرۇش پۇلى» ئىشىنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلغان، تىرامپ بۇنىڭغا قىلچە ئارىلاشمىغان دېگەن. چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى ئەسلىدە 22-مارت يەنە بىر گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىماقچى بولغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى قارار چىقارغان تەقدىردىمۇ، پراگانىڭ قاچان ئەرز قىلىشىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.

تىرامپ بۇلتۇر 11-ئايدا 2024-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. ئۇ ھازىر فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مارئالاگو قورۇقىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇ ئەرزگە جاۋاب بەرمەكچى بولسا، ئۆزى نىيۇيوركقا بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈشى ۋە بارماق ئىزى قالدۇرۇشى كېرەك. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: تىرامپ مۇخبىرلارنىڭ تېلېكامېراسى ئاستىدا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار تەرىپىدىن مانخاتتانغا يالاپ ئاپىرىلىشنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن، لېكىن تىرامپنى قوللايدىغان سايلىغۇچىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پراگا بۇنداق چوڭ كۆرۈنۈشنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىماسلىقى مۇمكىن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرامپ قولغا ئېلىنامدۇ؟

تىرامپنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلىنىش-ئەيىبلەنمەسلىكى يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.