ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قاچقۇن ئۆزىنىڭ قاچقۇنلۇقىغا ئىشەنمەي ساقچىخانىغا باردى...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-28 08:45

يىگىت ئۆزىنىڭ قاچقۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي ئاتايىن ساقچىخانىغا باردى، ساقچىلار تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى تۇتۇپ قالدى.

«بۈگۈن مەن بىر تېلېفون قوبۇل قىلدىم، قارشى تەرەپ مېنىڭ قاچقۇن ئىكەنلىكىمنى، بىر ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتى».

8-مارت چۈشتىن كېيىن، ئۆزىنى مەلۇم جاينىڭ ساقچىسى دەپ مەلۇم قىلغان بىرەيلەن ۋاڭxx كە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى ئېيتقان.

«بولمىسا سىلەر تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، مەن قانداقسىگە قاچقۇن بولىمەن؟ مەن ئالدامچىلارغا يولۇقۇپ قالدىممۇ قانداق؟»

ئۇ ئۆزىنىڭ «پاك»لىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، جياشىڭ شەھىرى جياشەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى شىتاڭ ساقچىخانىسىغا بېرىپ ئىسپات سورىدى.

دىجورنى ساقچى خۇ خۇيكاڭ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ۋاڭ xxنىڭ دەرۋەقە تورغا چىقىرىلغان قاچقۇن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ قالدى.

خەلق ساقچىلىرى ۋاڭ xxنى دېلو بېجىرىش كۆزنىكىگە ئېلىپ باردى.

ئەسلىدە، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋاڭ xx ئۇچۇر تورى جىنايىتى ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتىگە چېتىلىپ، گۇيجۇ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاچقۇن دەپ تورغا چىقىرىلغان، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغىنى دەل گۇيجۇ ساقچىلىرى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا دەۋەت قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن «ئۆزى كېلىپ تورغا چۈشكەن».

15-مارت، ۋاڭ xx قانۇن بويىچە گۇيجۇ ساقچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.

ساقچى تەرەپ ئەسكەرتمىسى

ئۇچۇر تورى جىنايى ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتى: باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۇلارغا ئالاقە تورىغا كىرىش، مۇلازىمىتېرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، تور خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى قوللاش ۋە مەبلەغ چىقىمىنى راسچوت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بويىچە بېجىرىلگەن ھەر خىل تېلېفون كارتىسى، بانكا كارتىسى، ئۈندىدار، چىقىمدان ۋە باشقا ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش قورالى قاتارلىقلارنى باشقىلارغا ئارىيەت بېرىش، ئېلىپ سېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

ئەگەر بۇ چىقىم قىلىش قوراللىرى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلىپ قالسا، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، قىلمىشى ئېغىر بولسا يەنە ئۇچۇر تورى جىنايەت ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ. 

كۆپچىلىك تۇرمۇشتا ئازغىنە پايدىنى كۆزلىمەسلىكى، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قاچقۇن ئۆزىنىڭ قاچقۇنلۇقىغا ئىشەنمەي ساقچىخانىغا باردى...

يىگىت ئۆزىنىڭ قاچقۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي ئاتايىن ساقچىخانىغا باردى، ساقچىلار تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى تۇتۇپ قالدى.