ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىز تاموژنىسى زور سوممىلىق پۇلنى قولغا چۈشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 08:44

يېقىندا خاڭجۇ شياۋشەن ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى مەلۇم بىر يولۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىپ تىزىملاتماستىن زور سوممىلىق ياۋرونى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بايقىدى، تاموژنا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن نەق پۇل جەمئىي 298 مىڭ 800 ياۋرو بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.

نەق مەيداندىكى تاموژنا خادىملىرى شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى نازارەت قىلىش جەريانىدا، مەلۇم بىر يولۇچىنىڭ يېنىغا ئېلىۋالغان يۈك-تاقىنى ئۈسكۈنە ئارقىلىق تەكشۈرگەندە بىنورماللىق بارلىقىنى بايقىدى ۋە يۈك-تاقنى ئېچىپ تەكشۈردى. تاموژنا خادىملىرى بۇ يۈك-تاقنىڭ ئىچىدە ھەر خىل كېرەكسىز قەغەزلەرگە ئورالغان ھەمدە ئۈستى پىلاستىر بىلەن باغلانغان كېسەكسىمان بۇيۇمنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئېچىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن بۇنىڭ زور سوممىلىق ياۋرو ئىكەنلىكىنى، جەمئىي 298 مىڭ 800 ياۋرو ئىكەنلىكىنى، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ يۈەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. 

تاموژنا خادىملىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چېگرادىن كىرگەنلەر چەت ئەل نەق پۇلىنى ئېلىپ چېگرادىن كىرگەندە، قىممىتى 5000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشسا تاموژنىغا يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. ساياھەتچىلەر «چېگرادىن كىرىدىغان-چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاق بۇيۇملىرىنى مەلۇم قىلىش تالونى»نى تولدۇرۇشى، ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاپ تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىشى ھەمدە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلىتىمىز تاموژنىسى زور سوممىلىق پۇلنى قولغا چۈشۈردى

يېقىندا خاڭجۇ شياۋشەن ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى مەلۇم بىر يولۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىپ تىزىملاتماستىن زور سوممىلىق ياۋرونى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بايقىدى،