ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2050-يىلى دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولغانلار 150 مىليونغا يېتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 08:55

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياشانغانلار كۈندىلىك غىزاسىدا ماگنىي تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى كۆپەيتسە، چوڭ مېڭىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ كەسمە سۈرىتى

 

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەتقىقاتتا 40 ياشتىن 73 ياشقىچە بولغان 6000دىن ئارتۇق ئەنگلىيەلىكنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئىشلىتىلگەن.  تەتقىقاتچىلار يېمەكلىكتىكى ماگنىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەر قىممىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، 200 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك ئىچىدىكى تەركىبىدە ماگنىي مول بولغان يېشىل يوپۇرماقلىق سەيلەر، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، شاكاللىق مېۋە تۈرىدىكىلەر ۋە ساپ بۇغداي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاساسلىق تەتقىقات نىشانى قىلغان. 

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ماگنىي قوبۇل قىلىش مىقدارى ئادەتتىكى سەۋىيەدە بولغان، يەنى ھەر كۈنى تەخمىنەن 350 مىللىگىرام ماگنىي قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى 550 مىللىگىرامدىن ئارتۇق ماگنىي قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەر 55 ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېشى تەخمىنەن بىر ياش ئەتراپىدا كىچىك بولىدىكەن. ماگنىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى %41 ئاشسا، ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مېڭە يىگلەشنى ئازايتىپ، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى ياكى كېسەل قوزغىلىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىشىلەر ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا غىزاسىدا ماگنىي قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتسە، ئۇنداقتا بۇ ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ۋە بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. بۇ ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ ماگنىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 2019-يىلىدىكى 57 مىليون 400 مىڭدىن كۆپىيىپ، 2050-يىلىغا بارغاندا 150 مىليونغا يېتىدۇ. بۇ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ھەمدە يەر شارى ئىقتىسادىغا تېخىمۇ زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2050-يىلى دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولغانلار 150 مىليونغا يېتىدۇ

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياشانغانلار كۈندىلىك غىزاسىدا ماگنىي تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى كۆپەيتسە،