ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-23 10:39

باش شۇجى شى جىنپىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارى ماكانىمىزنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ كۆرسەتتى. 5-ئاينىڭ 22-كۈنى-«كۈنمىڭ-مونترېئال يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى» ماقۇللانغاندىن كېيىنكى تۇنجى خەلقئارا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۈنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يولىدا مېڭىپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىش، ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلىدى.

دۆلەت باغچىسى سۇبيېكت قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش-ئېلىمىزنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ئېلىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدە تەسىس قىلىنغان بەش دۆلەت باغچىسىنىڭ بىرى بولغان ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسىدا دۇنيادىكى ئوخشاش كەڭلىك بەلبېغىدىكى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ تىپىك، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا سۇبتروپىك بەلباغ ئىپتىدائىي ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى ساقلانغان. بۇ يەردە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان جانلىقلار بايلىقىنى تېگى-تەكتىگىچە تەكشۈرۈشتىن يېقىندا يەنە بىر قېتىم خۇشخەۋەر تارقالدى، ئالتە خىل ھاشارات يېڭى تۈرى ئارقا-ئارقىدىن بايقالدى. ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسى پەن تەتقىقات ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئىنژېنېرى سەي بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئالتە خىل ھاشارات يېڭى تۈرىنىڭ بايقىلىشى ۋۇيىشەندىكى ھاشاراتلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىش رايونى سىستېمىسى ۋە تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى بېيىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەلا سۇ سۈپىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تۈر قىلىشقا بولىدۇ.

جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يەر شارىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. رەئىس شى جىنپىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر 15-قېتىملىق يىغىنى 2-باسقۇچلۇق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان زور بىر تۈركۈم ئەتىۋارلىق تۈرلەرنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تورى-جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تېگى-تەكتىگىچە ئېنىقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى لوشەن ناھىيەسىدىكى خېنەن دۇڭجەي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، تەتقىقاتچىلار دالىدا تۇخۇمدىن چىققان قىزىل ئىبىس چۈجىلىرىگە ھالقا ئاستى. مۇھاپىزەت رايونى قىزىل ئىبىس تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ جىشۆ بۇ-قۇشنىڭ «كىملىكى». ھازىر بىز تارقىتىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق قۇشلارنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز دېدى.

ئېلىمىز يەنە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ بوشلۇق ئەندىزىسىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئۆز جايىدا قوغداشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

گۇاڭشىنىڭ خېپۇدىكى دىيۇگون دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، خىزمەتچىلەر سۈنئىي يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېڭىز ئوت-چۆپىدىن ئىبارەت بۇ تىپىك دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دىيۇگون قاتارلىق دېڭىز-ئوكيان ئەتىۋارلىق ھايۋانلىرىنى مۇقىم يېمەكلىك مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ خۇڭكې بىز دېڭىز ئوت-چۆپلىرىنى دالىدا ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، دالىدىكى دېڭىز ئوت-چۆپلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنى ياخشى ماكانلىشىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمىز دېدى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئۇدا ئالتە يىل «يېشىل قالقان» ناملىق تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى. مۇھاپىزەت يېرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يەردە ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دالىدىكى نۇرغۇن تۈر توپى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بىز نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ بىخەتەرلىك پاسىلىنى قەتئىي چىڭ ساقلايمىز.

بۇ يىللىق خەلقئارا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۈنىنىڭ باش تېمىسى-«كېلىشىمدىن ھەمكارلىشىشقىچە: جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» بولۇپ، «كۈنمىڭ-مونترېئال يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇراجىئەت قىلىندى. «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ رەئىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنىڭ زور قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «كۈنمىڭ-مونترېئال يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يەر شارى ماكانىمىزنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتتى

باش شۇجى شى جىنپىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش يەر شارى ماكانىمىزنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.