ھەممەيلەن ئىزدەۋاتقان بۇ بىر جۈپ ياش تېپىلدى
بۇ بىر جۈپ ياشنى ئىزدەيمىز،
ئۇلارنى تونۇيدىغانلار بارمۇ؟
14-ماي كەچ سائەت 17دىن ئاشقاندا، جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرى شېنجياخۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شاڭخەيگە ماڭىدىغان يۆنىلىشىدە، يولدا كېتىۋاتقان بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ چاقى تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەتتى. ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، يول ياقىسىدىكى رېشاتكىغا سوقۇلۇپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئاپتوموبىلدىكى تاۋۇزلار يەرگە چېچىلىپ كەتتى.
شوپۇر ئاپتوموبىل ئىچىدە قاپسىلىپ قالدى، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى.
بۇ چاغدا، بىر قارا رەڭلىك SUV ئاپتوموبىل قىلچە ئىككىلەنمەستىن يول ياقىسىغا كېلىپ توختىدى. بىر جۈپ ياش ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، تېزلىكتە ئۆرۈلۈپ كەتكەن يۈك ئاپتوموبىلى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
يىگىت شوپۇرنىڭ كابىنكىغا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردى، ئۇ شامال توسۇش ئەينىكىنى تېپىپ ئاچماقچى بولدى، بىر نەچچە قېتىم سىنىغان بولسىمۇ لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاپتوموبىلغا يامىشىپ چىقىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پۈكۈلۈپ كەتكەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچتى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شوپۇرنى تارتىپ چىقىرىۋالدى، بەختكە يارىشا شوپۇر يارىلانمىغانىدى.
بۇ بىر جۈپ ياش ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، جياشىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، قاتناشقا قوماندانلىق قىلدى ھەمدە جىددىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. لېكىن بۇ ۋاقىتتا بۇ بىر جۈپ ياش ئۈن-تىنسىز ھالدا يولىغا راۋان بولغانىدى. يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا مەن ماشىنىغا قاپسىلىپ قالغاچقا مىدىرلاشقىمۇ ئىمكان بولمىغانىدى، يەنە كېلىپ بەكلا قورقۇپ كەتتىم. ئۇلار تېزلا يېتىپ كېلىپ مېنى قۇتقۇزۇۋالدى. بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ئىسمى ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىنى سورىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتقۇم بار ئىدى.
جياشىڭ ج خ ئىدارىسى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ئادەم قۇتقۇزغانلىق ۋىدېيوسىنى ئېلان قىلدى، تورداشلار بەس-بەستە ئۇلارغا ئالقىش ياڭراتتى.
كۆپ تەرەپلىمە ئىزدەش ئارقىلىق، ھالقىلىق پەيتتە ياردەم قولىنى سۇنغان بۇ بىر جۈپ ياش ئىزدەپ تېپىلدى. ئۇلار يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن بولۇپ، يولدىشى جاڭ جوجيەن 1999-يىلى تۇغۇلغان، ئايالى ياڭ فەن 2000-يىلى تۇغۇلغان ئىكەن، ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپلەر سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھىرىدىن بولۇپ، 2021-يىلى جياشەن ناھىيەسى ياۋجۇاڭ بازىرىدىكى بىر زاۋۇتقا كېلىپ ئىشقا چۈشكەن، شۇ كۈنى بۇ ئىككىيلەن خاڭجۇدىن ياۋجۇاڭ بازىرىغا قايتىش يولىدا بۇ ئىشقا يولۇققان ئىكەن.
جاڭ جوجيەن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ شوپۇرغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرىدۇق. بىزنىڭ قىلغىنىمىز ھېچقانچە ئىش ئەمەس، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بەردۇق خالاس، شوپۇرغا بىرەر ئىش بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ بىزمۇ خاتىرجەم بولدۇق.
يارايسىلەر بىر جۈپلەر،
سىلەرگە ئالقىش ياڭرىتىمىز!