ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تۆت خىل رەڭگە بۆلۈنىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-30 08:38

يېقىندا توردا «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تۆت خىل رەڭگە بۆلۈنىدۇ» دېگەندەك «ساۋاتلار» كۆپلەپ پەيدا بولدى.

بۇ خىل «ساۋاتلار»دا: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تۆت خىل رەڭگە بۆلۈنىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، دېيىلدى.

 ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ: يالغان خەۋەر! بۇ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرغانلىق، دېدى.📢

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، قىسمەن جايلار بالىلار، ياشانغانلار، خىزمەتتىكى خادىملار قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىرىنچى ئەۋلاد ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تارقاتقاندا كارتا رەڭگىنى پەرقلەندۈرگەن ئىدى، ھازىر مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن 3-ئەۋلاد ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى پەقەت بىرلا خىل رەڭدە بولۇپ، بارلىق ئىقتىدارلىرى ئوخشاش!

△ 3-ئەۋلاد ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى

توردا تارقالغان بۇ ئاتالمىش «ساۋاتلار» بولسا ئۆتمۈشكە ئايلانغان ئىشلار ۋە بەزىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت.

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ سالاھىيەتنى ئىسپاتلاش، ئۇچۇر خاتىرىلەش، ئاپتوماتىك سۈرۈشتۈرۈش، داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش، ھەق تاپشۇرۇش ۋە تەمىنات ئېلىش، پۇل مۇئامىلە چىقىمى قىلىش قاتارلىق ئالتە چوڭ ئىقتىدارى بار. ئېھتىياجلىق بولغىنىڭىزدا، ھۆكۈمەت ھوقۇق بەرگەن يوللار ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز ۋە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

⚠️دىققەت⚠️

ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى شۇ كىشى ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى چوقۇم ياخشى ساقلاش كېرەك!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تۆت خىل رەڭگە بۆلۈنىدۇ؟

يېقىندا توردا «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تۆت خىل رەڭگە بۆلۈنىدۇ» دېگەندەك «ساۋاتلار» كۆپلەپ پەيدا بولدى.