ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغۇچىغا جازا بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-30 08:40

24-ماي، يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرى دۇڭچۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «لى Xنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىسىمغا كىرگەن يېڭى ئەسكەر لى Xنىڭ ھەربىي سەپكە كىرگەندىن كېيىن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىش ئەھۋالى ۋە جازالاش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 

لى X «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئېغىر لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى ھەمدە ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك بىرلەشمە جازا بېرىلدى: 

مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىشقا ياكى مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان خىزمەتچى خادىملىققا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى خادىملىققا قوبۇل قىلىشقا، تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛

 ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەت (چېگرا) دىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولمايدۇ، شەخسىي نوپۇس دەپتىرىدىكى «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئىستونى»غا «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان» دېگەن خەت بېسىلىدۇ؛ 

ئىككى يىل ئىچىدە ئۆرلەپ ئوقۇش (قايتا ئوقۇشقا كىرىش) رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولمايدۇ؛ 

مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەرگە بېرىلىدىغان نەپىقە، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ 

بىر قېتىمدا 22 مىڭ 500 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ 

ئىككى يىل ئىچىدە كىرېدىت ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە بولمايدۇ؛ 

ئىككى يىل ئىچىدە سودا رەسمىيىتى، كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولمايدۇ؛ 

ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى رەت قىلىش قىلمىشى ۋە جازالاش قارارى دۇڭچۈەن رايونىدىكى يېزا-بازار (كوچا)، ھەرقايسى تارماقلارغا ئۇقتۇرۇلىدۇ.

 «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2004-يىلى تۇغۇلغان لى X بۇ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتقان، بەدەن تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي سالاھىيەت ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىپ رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەش رەسمىيىتى تەستىقلانغان. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، لى X يېڭى ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەش بازىسىغا بېرىپ مەشىققە قاتناشقان، بازىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم قىسىمنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، يېڭى ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەش ئورنىغا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن چېكىنىش ئىلتىماسى سۇنغان. تەربىيەلەش بازىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، تايانچ كادىرلار ۋە قىسىملارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرى ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم تەربىيە ۋە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان ھەمدە بارلىق ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇڭچۈەن رايونلۇق خەلق قوراللىق بۆلۈمى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، لى Xنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يېڭى ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەش بازىسىغا چاقىرىتىپ، لى Xكە ئۈچ كۈن تەربىيەلەش-ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئىشلىگەن. خىزمەت گۇرۇپپىسى، قىسىم ۋە لى Xنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا قايتا-قايتا خىزمەت ئىشلەپ، سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا جاھىللىق بىلەن ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى رەت قىلغان. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، قىسىم ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋەتكەن. 

كۈنمىڭ شەھىرى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن بويىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ۋە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش مەجبۇرىيەت ئۆتەش يېشىدىكى ھەربىر پۇقرانىڭ تېگىشلىك شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى ۋە مۇقەددەس بۇرچى، ھەربىيلىككە قاتنىشىش ئويۇن ئەمەس، ھەربىي فورمىنى تاللىغان ئىكەنمىز، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغۇچىغا جازا بېرىلدى

«ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2004-يىلى تۇغۇلغان لى X بۇ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتقان،