ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەر ئىتىنى ئۆلتۈردى ۋە ئايالىغا تەھدىت سالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 08:16

28-ماي، شەندۇڭ ئۆلكىسى خېزې شەھىرى يۈنچېڭ ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق بىر ئايال ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا مەزمۇن يوللاپ ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇ يوللىغان مەزمۇندا مۇنداق دېيىلدى: ئېرىم لى XX مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆيىمىزدىكى ئەرمەك ئىتنى پىچاق بىلەن چاناپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى، بۇ جەرياندا مەن ئىتنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولدۇم، لېكىن ئۇ ماڭا تەھدىت سېلىپ ئىتنى قۇتقۇزماسلىقىمنى، بولمىسا مېنىمۇ قوشۇپ چانىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ماڭا قولىدىكى پىچاقنى شىلتىپ تۇرۇپ «گەپ ئاڭلىمىساڭ، سەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىسەن» دېدى. ئەينى ۋاقىتتا بەك قورقۇپ كەتتىم، مەن لى XX بىلەن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدىم. لېكىن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر «بۇ ئۇنچە چوڭ ئىش ئەمەسكەنغۇ، سىزگە يەنە بىر ئىت ئېلىپ بېرەيلى» دېدى. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، ئېرىم لى XX بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ماڭا ئائىلە زۇلۇمى قىلغان.

 

29-ماي چۈشتىن بۇرۇن، يۈنجوۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز  مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن  ۋاقتىدا ئالاقىلەشتۇق ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياردەم تەلەپ قىلغان ئايال بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردۇق، تەدبىر قوللىنىپ ئائىلە زۇلۇمىنىڭ بۇ ئايالغا زىيان ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ، ئەگەر بۇ ئىشنى تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە باشقا مەسىلىلەر بايقالسا، ئەھۋالنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدىكەن.

29-ماي چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرنىڭ يۈنچېڭ ساقچىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، لى XX ھازىر ساقچىخانىدا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككىيلەن يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئىش ئائىلە زىددىيىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانىكەن. نۆۋەتتە، ئائىلە زۇلۇمىنىڭ راست-يالغانلىقى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە باشلاپتۇ، كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىۋېتىپتۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەر ئىتىنى ئۆلتۈردى ۋە ئايالىغا تەھدىت سالدى

28-ماي، شەندۇڭ ئۆلكىسى خېزې شەھىرى يۈنچېڭ ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق بىر ئايال ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا مەزمۇن يوللاپ ياردەم تەلەپ قىلدى