ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەردوئاننى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 08:19

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئەردوئاننىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن (29-ماي) قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ  ئەردوغاننىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەردوئاننىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، تۈركىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، زۇڭتۇڭ ئەردوئاننىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

ماۋ نىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ. 

 

شۇ جاي ۋاقتى 2023-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان ساراي سىرتىدا قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەردوئاننى تەبرىكلىدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئەردوئاننىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز