ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

موسكۋا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-01 08:26

 شۇ جاي ۋاقتى 30-ماي، رۇسىيە موسكۋا شەھىرىنىڭ باشلىقى سوبىيانىن خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شەھىرىمىز بۈگۈن سەھەردە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بىر نەچچە بىنا يېنىك زىيانغا ئۇچرىدى . نۆۋەتتە شۇ جايدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى نەق مەيداندا كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، موسكۋا شەھىرى ۋە موسكۋا ئوبلاستى ئايرودۇرۇمى  نورمال تىجارەت قىلىۋېتىپتۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

موسكۋا شەھىرى لېنىن كوچىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئاھالىلەر بىناسى.

 

شۇ جاي ۋاقتى 30-ماي، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنانىڭ سەككىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلدى، لېكىن ھەممىسى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىپ چۈشۈرۈلدى، قالغان بەشى «ساۋۇت-S» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن موسكۋا ئوبلاستىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. 

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ موسكۋا شەھىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇمى تېررورلۇق ھۇجۇمى. ھازىر رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ ھۇجۇمغا قاتناشقۇچىلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. 

ئۇكرائىنا ئەمەلدارى:  موسكۋانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىمىز يوق 

 ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى پودولىياكشۇ جاي ۋاقتى 30-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنانىڭ موسكۋادا يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

موسكۋا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئۇكرائىنانىڭ سەككىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلدى، لېكىن ھەممىسى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىپ چۈشۈرۈلدى، قالغان بەشى «ساۋۇت-S» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن موسكۋا ئوبلاستىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.