ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​ماي باھاسى يەنە ئۆستى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-01 08:28

 

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە تەييار ماي باھاسى مېخانىزم بويىچە ئۆستۈرۈلدى

يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارا بازاردا  ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار ماي باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى بويىچە، 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدە بېنزىن، دىزېلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى (ئۆلچەملىك مەھسۇلات، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100 يۈەن ۋە 95 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە مەركىزىي شەھەرلەردە بېنزىن، دىزېلنىڭ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى قوشۇمچە جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى. ئالاقىدار باھا ھەمتۈرتكە سىياسىتى ۋە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شىركەت ۋە باشقا نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەشنى ياخشى تەشكىللەپ، بازارنى مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار بازارنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال بازار تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار 12315 سۇپىسى ئارقىلىق باھا سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلارنى پاش قىلسا بولىدۇ.

قوشۇمچە: ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركىزىي شەھەرلەردە بېنزىن، دىزېلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

​ماي باھاسى يەنە ئۆستى

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە تەييار ماي باھاسى مېخانىزم بويىچە ئۆستۈرۈلدى