ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۇ راست بالا ئوغرىسىدەكلا قىلىدۇغۇ؟ دەرھال تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 08:35

يېقىندا، سىچۈەن زىياڭ ساقچىلىرى ئالداپ سېتىشقا قارشى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش فىلىمىنى ئېلان قىلدى. فىلىمدە ئالاھىدە قىسىم ساقچىسى ئادەم بېدىكلىرىنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بالىنى قانداق قىلىپ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئالداپ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئەينەن كۆرسىتىپ، ئاتا-ئانىلارنى پەخەس بولۇشقا ئەسكەرتتى. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش فىلىمىدە دېيىلىشىچە، ھازىرقى ئادەم بېدىكلىرى بۇرۇنقىدەك بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستى، خىزمەتدىشى قىياپىتىگە كىرىۋالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ «بالىسى»نى ئېلىپ بېرىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئالداپ ئېلىپ كېتىدىكەن...

 

تورداشلار فىلىمدە رول ئالغان ئالاھىدە ساقچىنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى ماختاش بىلەن بىرگە، يەنە «قورقۇپ كەتكەن»لىكىنىمۇ بىلدۈرۈشتى، ئۇلار چاقچاق قىلىپ: بۇ ئادەمنى دەرھال تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك،  ھېچ رول ئالغانغا ئوخشىمايدۇ ، دەپ يېزىشتى. زىياڭ ج خ ئىدارىسى تور بەتتىكى باھا بېرىش رايونىدا تورداشلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئالاھىدە ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

تورداشلار زىياڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تور بېتىدىكى باشقا كۆرۈنۈشلەردىن ئۇ ئالاھىدە ساقچىنىڭ فورما كىيگەن قىياپىتىنى تاپتى.

ئەمەلىيەتتە، ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن ئالداپ سېتىشقا ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇشى بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۇ راست بالا ئوغرىسىدەكلا قىلىدۇغۇ؟ دەرھال تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك!

يېقىندا، سىچۈەن زىياڭ ساقچىلىرى ئالداپ سېتىشقا قارشى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش فىلىمىنى ئېلان قىلدى.