ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئايروپىلانغا چىقىشتا بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچىنىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-02 08:36

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زېلاندىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېڭى زېلاندىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن كېيىنكى بەش ھەپتە جەريانىدا، ئوكلاند خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشنى تەلەپ قىلغان.

△ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى

 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە بىر رەقەملىك تارازىدا تۇرۇشى كېرەك ئىكەن، شەخسىي سىرنى قوغداش ئۈچۈن، بەدەن ئېغىرلىقى سانلىق مەلۇماتى نامسىز بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. يولۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تەكشۈرۈش بولسا ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي يۈك كۆتۈرۈش كۈچى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن. يولۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تەكشۈرۈشتىن باشقا يەنە ئايروپىلانغا قاچىلانغان يۈك، يېمەكلىك، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يۈك-تاق قاتارلىقلارنىڭمۇ ئېغىرلىقى ئۆلچىنىدىكەن.

يېڭى زېلاندىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يولۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئۇچۇش مەشغۇلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى  بىر قېتىم قايتا تەكشۈرۈش ئۈچۈن بۇ قارارنى چىقاردۇق. شىركىتىمىز تەكشۈرۈشنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەۋرىشكە يىغىشنى پىلانلىدى، تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى يولۇچىلار ئىختىيارىي تاللىسا بولىدۇ، ئېغىرلىق ئۆلچەشكە قوشۇلمايدىغان يولۇچىلار  يېنىدا ئېلىپ ماڭغان يۈك-تاقلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەتسىلا بولىدۇ.

بۇ تەكشۈرۈش شۇ يەر ۋاقتى 31-مايدىن 2-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ. 2021-يىلى، يېڭى زېلاندىيە ئاۋىياتسىيەسى دۆلەت ئىچى نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ئارىسىدا بۇ خىل تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان، ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكشۈرۈش تۈرى يۇقۇم سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئايروپىلانغا چىقىشتا بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچىنىدۇ؟

يېڭى زېلاندىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېڭى زېلاندىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن كېيىنكى بەش ھەپتە جەريانىدا، ئوكلاند خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشنى تەلەپ قىلغان.