قالتىس! 5 ئايدا 50 مىلياردقا يەتتى
دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 31-مايغىچە، ئېلىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 50 مىليارد پارچىگە يەتكەن. 50 مىليارد پارچىگە يەتكەن ۋاقىت 2019-يىلىدىكىدىن 155 كۈن، 2022-يىلىدىكىدىن 27 كۈن ئالدىغا سۈرۈلدى.
39 كۈندە 10 مىليارد پارچىغا يېتىشتىن 5 ئايدا 50 مىليارد پارچىغا يېتىشكىچە، تېز يەتكۈزۈش ئايلىق ئوتتۇرىچە مىقدارىنىڭ 10 مىليارد پارچىغا يېتىشىگىچە بولغان بۇ نەتىجىلەر جۇڭگو ئىقتىسادى ھاياتىي كۈچىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ۋە كارتىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.