ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«گەپ ئاڭلىتىش سۈيى»نى كىملەر سېتىۋالماقتا؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 08:36

 

يېقىندا داليەن پوچتا ئىدارىسى تاموژنىسى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن «باشقا تۈردىكى ئويۇنچۇق» دەپ ئىلتىماس قىلىنغان بىر پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈرگەندە، بىر بوتۇلكا سۇيۇقلۇق بارلىقىنى بايقىغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ سىرتقى ئورالما قۇتىسى بىلەن ئىچكى بۇيۇمنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ھەمدە بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ قارا سولياۋ خالتا بىلەن ئىككى قېتىم ئوراپ قاچىلانغانلىقىنى بايقىغان، كەسپىي ئاپپاراتلارغا ئاپىرىپ باھالىتىش ئارقىلىق، بۇ سۇيۇقلۇقتا γ - ھىدروكسى بۇتىرىك كىسلاتا بارلىقى ئېنىقلانغان.

ھىدروكسى بۇتىرىك كىسلاتا ئادەتتە «گەپ ئاڭلىتىش سۈيى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچلۈك تورمۇزلاش رولىغا ئىگە، دۆلىتىمىزدىكى تىزگىنلەش بەلگىلەنگەن بىرىنچى تۈردىكى روھىي كېسەللىك دورىسى، يېڭى تىپتىكى زەھەرگە تەۋە. ھازىر بۇ سۇيۇقلۇق تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنماقتا.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«گەپ ئاڭلىتىش سۈيى»نى كىملەر سېتىۋالماقتا؟

يېقىندا داليەن پوچتا ئىدارىسى تاموژنىسى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن «باشقا تۈردىكى ئويۇنچۇق» دەپ ئىلتىماس قىلىنغان بىر پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈرگەندە، بىر بوتۇلكا سۇيۇقلۇق بارلىقىنى بايقىغان،