ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​ھىندىستاندا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ 288 ئادەم قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 08:37

ھىندىستاندا يۈز بەرگەن پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە 300 گە يېقىن ئادەم قازا قىلدى، 900 ئادەم يارىلاندى

2-ئىيۇن، ھىندىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئورىسسا ئىشتاتىدا يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 288 ئادەم قازا قىلدى، 900 ئادەم يارىلاندى، بۇ ھىندىستاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ئەڭ ئېغىر بولغان ۋەقە.

2-ماي، كىشىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يىغىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى / ھىندىستان بىرلەشمە  ئاگېنتلىقى)

 

ھىندىستان تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامىتاب شارما مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى سائەت 19 ئەتراپىدا، كالكۇتتادىن چېننايغا ماڭغان بىر يولۇچىلار پويىزى ئورىسسا ئىشتاتىنىڭ بالاسور رايونىدىكى باھاناجا پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىغا كەلگەندە رېلىستىن چىقىپ كەتتى، نۇرغۇن ۋاگونلار رېلىستىن چىقىپ كەتكەچكە، بىر قىسىم ۋاگونلار ياندىكى رېلىسقا كىرىپ قالدى. بىر ئازدىن كېيىن، ياندىكى رېلىسقا قارشى تەرەپتىن پويىز كېلىپ، بۇ يولغا كىرىپ قالغان ۋاگونلارغا سوقۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پويىزنىڭمۇ ئۈچ ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەنە بىر يۈك پويىزىمۇ كېلىپ سوقۇلغان.

ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشتى. ئورىسسا ئىشتاتىنىڭ باش كاتىپى پىرادىپ جېننا مۇنداق دېدى: شۇ يەر ۋاقتى 3-ئىيۇن سەھەرگىچە، ئاز دېگەندە 233 ئادەم قازا قىلدى. مەزكۇر ئىشتات ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى سۇلتانشۇ سارانجى ئارىدىن بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن فىرانسىيە  ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 288گە يەتكەنلىكى، نۇرغۇن يارىدارلارنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

2-ماي، كىشىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يىغىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى / ھىندىستان بىرلەشمە  ئاگېنتلىقى)

 

ھىندىستان ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، تەخمىنەن 1200 ئادەم قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان، 200دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن، يەنە نەچچە ئون چوڭ ئاپتوبۇس يارىدارلارنى توشۇشقا ياردەملەشكەن.

نۇرغۇن يارىدارلار قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن بىر دوختۇرخانىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرۇپ قان تەقدىم قىلغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئامما كېلىپ يولۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن، ئۇلارغا ئىچىملىك سۇ ۋە تاماق بەرگەن ۋە يۈك-تاقلىرىنى تېپىشىغا ياردەملەشكەن.

2-ماي، كىشىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يىغىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى / ھىندىستان بىرلەشمە  ئاگېنتلىقى)

 

ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇرمۇ ۋە زۇڭلىسى مودى ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. مودى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا يازما ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۆمۈريول مىنىستىرى ئاشۋىنى ۋائىشناۋ بىلەن مەسلىھەتلەشكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، تۆمۈريول مىنىستىرى ئاشۋىنى ۋائىشناۋ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ باردى. ھىندىستان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش-جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قىسمى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قاتارلىقلار قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

​ھىندىستاندا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ 288 ئادەم قازا قىلدى

ھىندىستاندا يۈز بەرگەن پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە 300 گە يېقىن ئادەم قازا قىلدى، 900 ئادەم يارىلاندى