تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 19 ئادەم قازا قىلدى
4-ئىيۇن سائەت 6 لەرە، سىچۈەن ئۆلكىسى لېشەن شەھىرى جىنكوۋخې رايونى يۇڭشېڭ يېزىسى لۇئېرپىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئەتراپىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاغ بۆلىكىنىڭ ئاستىدىكى تاغ قاپتىلىدا بىر كان قۇدۇقى سۇپىسى بولۇپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن جىسىملار بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى بېسىۋالغان ھەمدە كۆمۈۋەتكەن.
4-ئىيۇن سائەت 20 گىچە، بۇ قېتىمقى تاغ گۈمۈرۈلۈشتە 19 ئادەم قازا قىلغان، كان رايونىدىكى باشقا ئىشچىلار بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇلغان. ھازىر قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاياغلىشىپ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.