ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىمتىھاندىن بۇرۇن بىر تال يېسىڭىز،نەتىجىڭىز ئون نومۇر ئۆرلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 08:48

«ئىمتىھاندىن بۇرۇن بىر تال يېسىڭىز، نەتىجىڭىز نەچچە ئون نومۇر ئۆرلەيدۇ»...

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالدى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر قانچە كۈن ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى ئەڭ جىددىي ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىمتىھان مەشىق سوئالى ئىشلىشىگە ۋە مۇھىم مەزمۇنلارنى يادلىشىغا ھەمراھ بولماقتا، ئۇلار  ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھاندا تېخىمۇ يۇقىرى نومۇر ئېلىشىنى كېچە-كۈندۈز ئۈمىد قىلىدۇ. ناۋادا مۇشۇنداق پەيتتە، بەزىلەر ئىمتىھان نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان «ئاجايىپ دورا» بار دېسە، ئۇلار ئېنىقلا قايمۇقۇپ سىناپ بېقىشنى تاللىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، بۇ «ئاجايىپ دورا»نىڭ راستتىنلا ئاجايىپ قالتىس ئۈنۈمى بارمۇ؟

 

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قاتارلىق مۇھىم ئىمتىھانلارغا ئاز قالغان مەزگىل دەل «ئەقىل دورىسى» ئالدامچىلىقى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، نۇرغۇن قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە نەتىجە ئۆستۈرۈشكە ئالدىراشتەك پىسخىكىسىنى پەملەپ، «ئەقىل دورىسى»نىڭ «ئاجايىپ» ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ زەھەرلىك تەرىپىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. ئۇنداقتا، بىر تال يېسىلا ئادەمنى ئەقىللىك قىلىدىغان مۇشۇنداق «ئاجايىپ» دورا راستتىنلا مەۋجۇتمۇ؟

ئاتالمىش «ئەقىل دورىسى» ئاساسلىقى لىتالىن (ئاساسلىق تەركىبى مېپىپېرات)، ئادېلا (ئاساسلىق تەركىبى دېفېنىل ئالانىنئامىن)، مودافىندىن ئىبارەت ئۈچ خىل روھىي كېسەللىك دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ روھىي كېسەللىك دورىلىرى تۈر مۇندەرىجىسىدە، بۇ ئاتالمىش «ئەقىل دورىلىرى»نىڭ ھەممىسى دۆلەت قاتتىق باشقۇرىدىغان بىرىنچى تۈردىكى روھىي كېسەللىك دورىلىرى بولۇپ، ئۇ خۇمار قىلىشچانلىقى، چىدامچانلىقى ۋە ئەكس تەسىرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، بۇ خىل دورىلار ئۆسمۈر بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشىنى تورمۇزلىشى ياكى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.

بۇ ئاتالمىش «ئەقىل دورىلىرى» ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىك قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، تىت-تىت بولۇش، نېرۋا ئىقتىدارى ئاجىزلاش، ئىشتىھاسىزلىق، چۈشكۈنلۈك، بىنورماللىق ھېس قىلىش، كۆپ تەرلەش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل دورىلار خۇمار قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا دورىغا تايىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دورىنى توختاتقاندىن كېيىن، دىققىتى چېچىلىش، روھى چۈشكۈنلىشىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ۋە مىجەزى چۇسلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئىمتىھان نەتىجىسى قېتىرقىنىپ تىرىشىش ئارقىلىق يۈكسىلىدۇ، 

تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىمەن دەپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، 

زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغاندا كىشىلىك ھايات يولى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، 

ئۇ ۋاقىتتا پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ! 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىمتىھاندىن بۇرۇن بىر تال يېسىڭىز،نەتىجىڭىز ئون نومۇر ئۆرلەيدۇ

ئاتالمىش «ئەقىل دورىسى» ئاساسلىقى لىتالىن (ئاساسلىق تەركىبى مېپىپېرات)، ئادېلا (ئاساسلىق تەركىبى دېفېنىل ئالانىنئامىن)، مودافىندىن ئىبارەت ئۈچ خىل روھىي كېسەللىك دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.