ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان «شىپالىق دورا»غا ئىشەنمەڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 08:51

يېقىندا، خۇبېينىڭ نەنجاڭدىكى ساقچىلار بىر ساختا دورا ياساش-سېتىش شايكىسىنى بىتچىت قىلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ 50 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ قارا نىيەتلەر كىراخمال بىلەن لىمون كىسلاتاسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن رەڭگارەڭ كاپسۇللارنى ياساپ، ئاندىن ئۇنى ھەر خىل ئۈنۈم چۈشەندۈرۈشلىرى بېسىلغان دورا قۇتىلىرىغا قاچىلىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇنى دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ئاتالمىش «شىپالىق دورا»غا ئايلاندۇرغان.

△ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى

 

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خۇبېي ساقچىلىرى بىر دورىخانىدىن چياڭلىباۋ ناملىق قاندىكى ماينى سىيرىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار دەپ كۆپتۈرۈلگەن دورىنى بايقىغان، باھالاش ئارقىلىق بۇنىڭ ساختا دورا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئارقىدىن، ساقچىلار ساختا دورا سودىگەرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇش جەريانىدا، زور مىقداردىكى ساختا دورا مەھسۇلاتى ۋە ئورالما ماتېرىياللىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. ساقچىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق توردىكى ئىسمى «قىزىل بولاق» دېيىلىدىغان يەنە بىر ساختا دورا ياسىغۇچى جىنايەت گۇماندارىنى ئېنىقلاپ چىققان.

خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھىرى نەنجاڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى : ئەينى ۋاقىتتا بىز بىرقانچە خىل لايىھە تۈزدۇق، مەيلى ئۇ قېچىپ نەگە بارسۇن، بىزنىڭ ھامان ئۇنى تۇتۇپ كېلەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، «قىزىل بولاق» دېيىلىدىغان بۇ جىنايەت گۇماندارىنى قېچىپ كېتىۋاتقان يولىدا قولغا چۈشۈردۇق.

ساقچىلار مەزكۇر جىنايەت گۇماندارى ساختا دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان نەق مەيداندىن ساختا دورا ياساشقا ئىشلىتىدىغان تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر ۋە زور مىقداردىكى ساختا دورىلار، يېرىم تەييار مەھسۇلاتلار ۋە خام ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى.

خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھىرى نەنجاڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى لىمياۋ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يۈنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ساختا دورىلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كىراخمال ۋە لىمون كىسلاتاسى بولۇپ، ئالدامچىلار ئۇنىڭغا يەنە ئاز مىقداردا جۇڭيى دورىسى ئارىلاشتۇرغان، ئاندىن «قاندىكى ماينى سىيرىيدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ» دەپ يالغان ئېيتىپ باشقىلارغا ساتقان. بۇ ساختا دورىلارنىڭ تەننەرخى بىر يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن، ئىككى يۈەنلىك باھا بىلەن ھايانكەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بىرقانچە ھايانكەشنىڭ قولىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دورىخانىلارغا سەككىز يۈەنلىك باھادا سېتىپ بېرىلگەن، دورىخانىلار 20 يۈەنلىك باھادا باشقىلارغا ساتقان.

نۆۋەتتە، ساقچىلار ساختا دورا ياساش-سېتىش شايكىسىنىڭ ئالتە ئەزاسىنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

​قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان «شىپالىق دورا»غا ئىشەنمەڭ!

يېقىندا، خۇبېينىڭ نەنجاڭدىكى ساقچىلار بىر ساختا دورا ياساش-سېتىش شايكىسىنى بىتچىت قىلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ 50 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.