5000دىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى! شەھەرنىڭ %25ى يوقاپ كەتتى
ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى خەلقئارا بىرلەشمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 5000دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.
لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى تەيىنلىگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسىمۇ شۇ كۈنى لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 5200گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: دېرنا شەھىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ياكى سۇ ئاستىدا قالدى.
«دانيېل» ناملىق قارا بوران شۇ جاي ۋاقتى 10-سېنتەبىر لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلدى.
ئاخبارات قىزىق نۇقتىسى
بىر ئاھالە رېيتېر ئاگېنتلىقىغا «كىشىلەر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ئۆيىنىڭ سۇدا قالغانلىقىنى بايقىدى» دېدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، پايتەخت تىرىپولىغا 900 كىلومېتىر كېلىدىغان دېرنا شەھىرى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇ شەھەرنىڭ بىر ئەمەلدارى شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دېرنانىڭ ئەھۋالى «ئېچىنىشلىق» دېگەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، دېرناغا بارىدىغان يولدا، يول بويىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، ئۆيلەرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دېرنانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئىككى توسما ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئاساسلىق كۆۋرۈكلەر ۋەيران بولغان، دەريا قىرغىقىدىكى كۆپ قەۋەتلىك ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئۆيلەر شىددەتلىك دېڭىز سۈيىدە غايىب بولغان.
بۇ دۆلەتنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە تارمىقى ئەمەلدارى، قوشۇمچە جىددىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا، دېرنانىڭ ئەھۋالى «ئاپەت خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ %25ى يوقاپ كەتتى دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ» دېدى.
يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دېرنانىڭ يول قاتنىشى تېخى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور ۋە توك ئۈزۈلۈپ قالغان، قازا قىلغان، يوقاپ كەتكەن ۋە ئۆي-ماكانسىز قالغانلارنىڭ سانى يەنە ئۆرلىشى مۇمكىنكەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەلكۈن دېرنادىن باشقا يەنە بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن چېگرالىنىدىغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىمۇ قاپلىغان.
2011-يىلى كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا يېقىن بۇ شىمالىي ئافرىقا دۆلىتى داۋالغۇش ئىچىدە قالدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېتىراپ قىلغان مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەر غەربىي قىسىمدىكى قىسمەن رايونلارنى كونترول قىلدى، لىۋىيە خەلق قۇرۇلتىيى بولسا «گىراژدانلار ئارمىيەسى» بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاساسلىقى شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى كونترول قىلدى.
نۆۋەتتە، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي قىسىم ھۆكۈمىتى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.