ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيەدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى دالىغا قونۇشقا مەجبۇر بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-14 08:43

12-سېنتەبىر، رۇسىيە جىددىي ئەھۋال تارماقلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە تاراتقۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئۇرال ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ سوچىدىن ئومىسكىغا ئۇچىدىغان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى تېخنىكىلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن، يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىدىكى دالىدا جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغان.

يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستلىق جىددىي ئەھۋال تارماقلىرىنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، قونۇشقا مەجبۇر بولغان ئايروپىلاندا 23 بالا ۋە ئالتە ئايروپىلان خادىمى قوشۇلۇپ جەمئىي 167 ئادەم بار بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە يارىلىنىش ئەھۋالى يوق دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن ئوت كەتمىگەن، قۇتقۇزۇش خادىملىرىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ئالاقىدار تارماقلاردىكى خادىملارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۇيۇقلۇق بېسىمى سىستېمىسىدىن كاشىلا چىقىپ، ئايروپىلان قونۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم بولغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيەدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى دالىغا قونۇشقا مەجبۇر بولدى

رۇسىيە ئۇرال ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ سوچىدىن ئومىسكىغا ئۇچىدىغان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى تېخنىكىلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن، يېڭى سىبىرىيە ئوبلاستىدىكى دالىدا جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغان.