ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-15 08:33

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 13-سېنتەبىر قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

مەلۇم مۇخبىر: چاۋشيەن رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۈگۈن رۇسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا كۆرۈشتى، كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ 

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ

 ماۋ نىڭ: چاۋشيەن رەھبىرىنىڭ رۇسىيەدىكى زىيارىتى چاۋشيەن بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ چاۋشيەن بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتكە چېتىلىدۇ. جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىگە قارىتا، تۈنۈگۈن مەن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تاغ دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان دوست قوشنا دۆلەتلەر، جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

 پۇتىن كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى

 مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 13-سېنتەبىر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشكەن، سۆھبەت ئورنى رۇسىيە شەرق ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ «ئىتتىپاق-2» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا قۇرۇلۇش سېخىدا بولۇپ، ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىمۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتناشقان. 

پۇتىن سۆھبەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان ئالاھىدە ۋاقىتقا توغرا كەلدى، سوۋېت ئىتتىپاقى چاۋشيەننى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت. 

كىم جۇڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چاۋشيەننىڭ ئالدىن يۆنىلىشى. چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالەم قاتنىشى چوڭ دۆلىتى رۇسىيەنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى كۆرەلەيدۇ.

نۆۋەتتە بۇ سۆھبەت ئاخىرلاشقان، سۆھبەت بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇتىن كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى

پۇتىن سۆھبەتتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان ئالاھىدە ۋاقىتقا توغرا كەلدى، سوۋېت ئىتتىپاقى چاۋشيەننى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت