ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاكالىتەن تىللاپ پۇل تېپىش دەپ ئاڭلىغانمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-15 08:35

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ۋاكالەت ئىقتىسادى» تېز تەرەققىي قىلدى. ۋاقىتنى تېجەپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  جەمئىيەتتە ياخشى رول ئوينىدى.

ھالبۇكى، «ئېغىز ۋاكالىتى»نى مەقسەت قىلغان «ۋاكالىتەن ھەقلىق تىللاش» كەسپىمۇ بىردىنلا بارلىققا كەلدى.

«ۋاكالىتەن ھەقلىق تىللاش» دېگەن نېمە؟

«ۋاكالىتەن ھەقلىق تىللاش» قىلمىشى ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرى ياكى سودا تۈرىدىكى ئەپلەردە «مەخسۇس ئادەم تىللاش»، «ۋاكالىتەن تىللاپ بېرىش»نى كۆرسىتىدۇ، «تىللىغۇچىنى ياللىغۇچى» بەلگىلىك باھادا «ئاتارمەن-چاپارمەن» ياللاپ ھۇجۇم ئوبيېكتىنى ھاقارەتلەيدۇ، يامان غەرەزدە ھاقارەتلەش سۇبيېكتىپى بىر قەدەر كۈچلۈك، تەسىرى يامان قىلمىشتۇر.

بۇ خىل تىل-يېزىق ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ھوقۇق ـ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىش قىلمىشى توردا تارقىلىپ، تور زوراۋانلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ قىلمىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىشى مۇمكىن.

«ئاتارمەن-چاپارمەن» نىڭ پاكىتنى بۇرمىلىغان ياكى بۇرمىلىمىغانلىقىغا ئاساسەن، تۆھمەت قىلىش قىلمىشى ۋە ھاقارەتلەش قىلمىشى دەپ ئايرىلىدۇ، تۆھمەت قىلىش، ھاقارەتلەش قاتارلىق جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. 

 

قېنى، ھەقىقىي دېلو مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى

 

خېيلۇڭجياڭ تور ساقچىلىرى ئىككى قېتىملىق 

«ۋاكالىتەن ھەقلىق تىللاپ بېرىش» دېلوسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى

 

1. چىچىخار تور بىخەتەرلىك تارماقلىرى «ۋاكالىتەن ھەقلىق تىللاپ بېرىش» قىلمىشىغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلغان بىر ئادەمگە مەمۇرىي جازا بەردى.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، چىچىخار تور ساقچىلىرى يىپ ئۇچى ئارقىلىق، بىرەيلەننىڭ مەلۇم نىمكەش سۇپىدا: «مەخسۇس ئادەم تىللاپ بېرىمىز»، «ئېغىز ۋاكالىتى قىلىمىز»، باھاسى 55 يۈەندىن 66 يۈەنگىچە، «زاكاز قىلىش مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەيمىز، دەپ ئېلان بەرگەنلىكىنى بايقىدى.

رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى نىشاننى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى جۇ فامىلىلىك دەپ بېكىتتى ھەمدە قانۇن بويىچە ئۇنى چاقىرتتى.

سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئادەم بۇرۇن تورغا چىققاندا، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق پايدا ئالىدىغان يازمىلارنى بايقىغان، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پۇل تېپىشنى بىر قەدەر ئاسان دەپ قارىغان. جۇ فامىلىلىك تور ئارقىلىق باشقىلارنى ھاقارەتلەش، باشقىلارغا تۆھمەت قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشمەكچى بولغان. 

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇلغانغا قەدەر، جۇ فامىلىلىك «ۋاكالىتەن تىللاپ بېرىش» بىلەن شۇغۇللىنىپ جەمئىي 1650 يۈەن پايدا ئالغان، تەخمىنەن 25 قېتىم سودا قىلغان.

نۆۋەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جۇ فامىلىلىككە قانۇن بويىچە 500 يۈەن مەمۇرىي جەرىمانە قويدى ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى.

2. خاربىن تور بىخەتەرلىك تارماقلىرى «ھەقلىق تىللاپ بېرىش» ئېلانى تارقاتقان تورداشنى تەنقىدىي تەربىيەلىدى.

يېقىندا خاربىن تور ساقچىلىرى يىپ ئۇچى ئارقىلىق، تەۋەلىكتىكى مەلۇم ئاھالىنىڭ ئۈندىدار توپىدا «ھەقلىق تىللاپ بېرىش» توغرىسىدا ئېلان ئۇچۇرى ئەۋەتكەنلىكىنى بايقىدى. 

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى باشقىلارنىڭ ھەقلىق ھاقارەتلەش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى، لېكىن قارشى تەرەپنى پەقەت ئادەم تىللايدىغان سۆزلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئەمەلىي ھاقارەتلىمىگەنلىكىنى بايقىغان.

يۇقىرىقى ئەھۋالغا قارىتا، ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا تەنقىدىي تەربىيە  ھەمدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان، بۇ كىشى بۇنىڭدىن كېيىن تورغا مەدەنىي چىقىپ، تور زوراۋانلىقىنى توسۇيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن.

 

تور ساقچىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ:

 

مەسىلىگە يولۇققاندا ئەقلىي ھەل قىلىڭ، «تور ئاتارمەن-چاپارمەنلىرى»نى ياللىماڭ، تور زوراۋانلىقىنى توسۇڭ. باشقىلارغا يامان نىيەتتە تۆھمەت قىلىش، ئاھانەت قىلىش، ھاقارەتلەش قىلمىشى كۆرۈلسە، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاكالىتەن تىللاپ پۇل تېپىش دەپ ئاڭلىغانمۇ؟

يۇقىرىقى ئەھۋالغا قارىتا، ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا تەنقىدىي تەربىيە ھەمدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان، بۇ كىشى بۇنىڭدىن كېيىن تورغا مەدەنىي چىقىپ، تور زوراۋانلىقىنى توسۇيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن.