ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

130 مىليون يىل ئىلگىرىكى دىنازاۋۇرنىڭ تاشقاتمىسى بايقالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-15 08:59

7-سېنتەبىر، مۇخبىرنىڭ خېبېي ئۆلكىلىك تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، چېڭدې فېڭنىڭ مانجۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە 130 مىليون يىل ئىلگىرىكى «رېخې جانلىقلار توپى»غا تەۋە ئۆسۈملۈكخور دىنازاۋۇرنىڭ تاشقاتمىسىدىن ئىككىسى تۇنجى قېتىم بايقالغان، ئۇنىڭ بىرى يېڭى ئۇرۇقداش تۈرى، بىر قەدەر ئىپتىدائىي مۈڭگۈزلۈك دىنازاۋۇرلارغا تەۋە بولۇپ، پۈتۈن بەدەن سۆڭەكلىرى مۇكەممەل ساقلانغان، ئۇ مۈڭگۈزلۈك دىنازاۋۇرلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى «ئۈزۈك زەنجىر»نى تولدۇرىدىغان مۇھىم بىر ھالقا؛ يەنە بىرى سېتگوزاۋۇر تۈرىگە تەۋە، سۆڭەك ۋە تېرىلىرىدىكى ئىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇنداق مۇكەممەل ساقلانغان تاشقاتمىلار دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، تاشقاتما جىسىملارنى قوغداش خادىملىرى چارلاش جەريانىدا بۇ ئىككى تاشقاتمىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالغان سۆڭەكلىرىنى بايقىغان، ئىككىلەمچى بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قېزىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

بۇنىڭ ئىچىدىكى مۈڭگۈزلۈك دىنازاۋۇر بىرقەدەر ئىپتىدائىي مۈڭگۈزلۈك دىنازاۋۇر بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا، پۈتۈن بەدەن سۆڭەكلىرى ئاساسەن مۇكەممەل ساقلانغان. دۆلەت قەدىمكى جانلىقلار تاشقاتمىسى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پىروفېسسور جاڭ فۇچېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەتتە مۈڭگۈزلۈك دىنازاۋۇرلار ئىپتىدائىي ھالەتتىن ئۆزگىرىپ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىش جەريانىدا، بېشىغا چوڭ مۈڭگۈز چىققان، مېڭىش ئۇسۇلىمۇ ئىككى پۇتتىن تۆت پۇتلاپ مېڭىشقا ئۆزگەرگەن دەپ قارايمىز. بۇ تاشقانتمىنىڭ دەسلەپكى بور دەۋرىدىكى يەر قاتلىمىدىن تېپىلىشى، ئىككى پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئاجىز باش بېزىكى بار ھالەتتە بولۇشى، دەل مۇشۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ مۈڭگۈزلۈك دىنازاۋۇرلارنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى «ئۈزۈك زەنجىر»نى تولۇقلايدىغان مۇھىم بىر ھالقا. 

سېتگوزاۋۇر تۈرىدىكى دىنازاۋۇر تاشقاتمىسىنىڭ پۈتۈن بەدەن سۆڭەكلىرى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، بۇ «رېخې جانلىقلار توپى» ھەمدە خېبېي ئۆلكىسى تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم بايقالغان سېتگوزاۋۇر، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، خېبېي ئۆلكىسىدىن ئىلگىرى بايقالغان باشقا دىنازاۋۇرلاردىن خېلىلا چوڭ؛ شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ خېبېي ۋە رېخې جانلىقلار توپى مەركىزىي رايونىدا تۇنجى قېتىم بايقىلىشى، بۇ دەسلەپكى بور دەۋرىدە جۇڭگونىڭ شىمالىدا سېتگوزاۋۇر تۈرىدىكى دىنازاۋۇرلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ سېتگوزاۋۇر تۈرىدىكى دىنازاۋۇرنىڭ تېرە ئىزلىرى مۇكەممەل ساقلانغان، بۇنداق ساقلىنىش كۆلىمى ۋە مۇكەممەللىك دەرىجىسى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ مۇشۇ خىلدىكى دىنازاۋۇرلار، ھەتتا بارلىق دىنازاۋۇرلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى، فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە دەسلەپكى بور دەۋرىدىكى جۇغراپىيەلىك مۇھىت، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش سېتگوزاۋۇرنىڭ مورفولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى، زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى، سۆڭەك تاختىسىنىڭ رولى، شۇنىڭدەك سېتگوزاۋۇر نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى بىلەن مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئىلمىي مەسىلىلەرنى ئېنىقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

130 مىليون يىل ئىلگىرىكى دىنازاۋۇرنىڭ تاشقاتمىسى بايقالدى

سېتگوزاۋۇر تۈرىدىكى دىنازاۋۇر تاشقاتمىسىنىڭ پۈتۈن بەدەن سۆڭەكلىرى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ،