ئالتۇننىڭ ھەرگىرامى 600 يۈەندىن ئاشتى!
يېقىنقى مەزگىلدە، خەلقئارادا ئالتۇننىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى، دۆلەت ئىچىدە ئالتۇننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يەنىلا سۇسلاشمىدى.
بۇ يىل چاغاندىن كېيىن ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەپ كۆپ چۈشمىدى، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى 580 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. گۇاڭجۇ يۆشيۇ رايونىدىكى بىر تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە، زىننەت بۇيۇملىرى تۈرىدىكى ئالتۇننىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 603 يۈەن، كاپىتال تىپىدىكى ئالتۇننىڭ باھاسى 466.9 يۈەن بولۇپ، دۇكاندىن يەنىلا خېرىدار ئۈزۈلمىدى.
سودا ساراي سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7-ئايدىن ھازىرغىچە بولغان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا، ئالتۇننىڭ سېتىلىش سوممىسى %20 ئاشتى؛ ئالتۇننىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆرلىگەچكە، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ھەر گىرامىدىن 30 يۈەن ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندىن بۇيان باھانىڭ ئۆسكەن ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ ئالتۇن ساتقىلى كەلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.
نۆۋەتتە، زىننەت بۇيۇملىرى تۈرىدىكى ئالتۇن بىلەن كاپىتال تىپىدىكى ئالتۇننىڭ باھا پەرقى 100 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش باھاسى 450 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.