«دادا، ئاپا، ئەگەر مەن بىر كۈنى ئۆلۈپ كەتسەم...»
يېقىندا، يۈننەن چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتى بىر قېتىملىق زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىدە 16.8 كىلوگىرام زەھەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، دېلوغا چېتىشلىق بىر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە مەسئۇل ساقچىنىڭ ئىسمى بيەن يۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇنىڭ زەھەر چەكلەش ئەترىتىگە كىرىپ ئىشلىنىگىنىگە ئون يىل بولغان بولۇپ، بۇ ئون يىل ئىچىدە، ئۇ باشقىلارغا بىلىندۈرمەي ئۈچ پارچە ۋەسىيەتنامە يازدى. ۋەسىيەتنامىسىگە «كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىكنىڭ بالدۇرلا كېلىشىدىن قورقىمەن» دەپ يازدى.
بىرىنچى پارچە ۋەسىيەتنامىسىنى ئاتا-ئانىسىغا يازدى
«دادا، ئاپا، ئەگەر مەن بىر كۈنى ئۆلۈپ كەتسەم، سىلەر مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى ياشاڭلار».
2013-يىلى، بيەن يۇڭ دالو چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ زەھەر چەكلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. دەسلەپتە بيەن يۇڭ ئۇستازىغا ئەگىشىپ دېلو بېجىردى، ئۇستازى ئۇنىڭدىن بۇ خىزمەتنى قىلىشتىن قورقۇمسىز دەپ سورىغاندا، ئۇ ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن «ئۆلۈمدىن قورققان كىشى زەھەر چەكلەش ساقچىسى بولالمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
بيەن يۇڭ شۇ چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغلاردا ناھايىتى ياش ئىدىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ دېلونى پاش قىلىشنىلا ئويلايتتىم. ئەمما، بىر قېتىم ئۇستازىم ماڭا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ سەمىمىيلىك بىلەن: «بۇ ئىش تىغنىڭ ئۈستىدىكى قاننى يالىغاندەكلا خەتەرلىك ئىش، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋەزىپىگە چىقىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يېزىپ ئاتا-ئاناڭغا قالدۇرۇپ قويغىن» دېدى.
بيەن يۇڭ شۇ چاغدىلا چېگرا بىرىنچى سېپىدە زەھەر چەكلەشنىڭ خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، شۇنىڭ بىلەن، 22 ياشقا كىرگەن يىلى تۇنجى ۋەسىيەتنامىسىنى يېزىپ، «دادا، ئاپا، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، ئەگەر مەن بىر كۈنى ئۆلۈپ كەتسەم، سىلەر مەن ئۈچۈن ياخشى ياشاڭلار، بۇ دۇنيادا مەن كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرىلەرنى كۆپرەك كۆرۈڭلار» دېدى.
يۈننەن چېگراسىدا زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىشلىگەن ئون يىلدا، بيەن يۇڭ يەنە ئايالى، قىزى ۋە سەپداشلىرىغا ئىككى پارچە ۋەسىيەتنامە يازدى.
ئىككىنچى پارچە ۋەسىيەتنامىسىنى ئايالى ۋە قىزىغا يازدى
«قەدىرلىكىم، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۆلۈپ كەتسەم، سىز چوقۇم قەيسەرلىك بىلەن ياشاڭ».
2021-يىلى، بيەن يۇڭنىڭ ئايالى تاڭ جىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۆي تازىلاۋېتىپ كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئىچىدىن بىر پارچە «خەت»نى تېپىۋالدى، خەتنى تېخى ئوقۇپ بولماي تۇرۇپلا تاڭ جىڭنىڭ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش تولدى. ئەسلىدە بۇ ئېرىنىڭ ۋەسىيەتنامىسى ئىكەن.
بيەن يۇڭنىڭ قىزى ھازىر ئۈچ ياشتىن ئاشتى، بۇ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئاران ئالتە قېتىم ئۆيىگە قايتالىدى، بىر قېتىم ئۇ قىزى بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەندە قىزى: «دادا، ئەبلەخلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ بولدىڭىزمۇ؟ سىز قاچان ئۆيگە قايتىپ ماڭا ھەمراھ بولىسىز؟» دەپ سورىدى. بيەن يۇڭنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولدى، ئۇ ئۆزىنى قىزىغا بەك كۆپ قەرزداردەك ھېس قىلدى.
بيەن يۇڭنىڭ ئايالى ۋە قىزىغا دېيەلمىگەن نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى، «كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىكنىڭ بالدۇرلا كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دەيتتى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئىككىنچى پارچە ۋەسىيەتنامىسىنى يازدى: «ئاپام دائىم ماڭا مەن ئالدىنقى ئۆمرۈمدە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسام كېرەك، شۇڭا بۇ ئۆمرۈمدە سىز بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بولالىدىم دەيتتى... ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۆلۈپ كەتسەم سىز چوقۇم قەيسەرلىك بىلەن ياشاڭ، قىزىمىزنى ياخشى بېقىپ چوڭ قىلىڭ، ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قويۇڭ».
ئۈچىنچى پارچە ۋەسىيەتنامىسىنى سەپداشلىرىڭىزغا يازدى
«ئەگەر مەن بىر كۈنى ئۆلۈپ كەتسەم مەڭگۈلۈك يۇلتۇزغا ئايلىنىپ، دېلو بېجىرگەن ھەربىر كېچىدە سىلەرنى قوغدايمەن».
بۇ يىل 1-ئايدا، بيەن يۇڭ ئەترەتنى باشلاپ تاغدا يېرىم ئايغا يېقىن تۇردى. بىر كۈنى موتوسىكلىت ھەيدىگەن ئىككى ئەر ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكى مەلۇماتتىكى كىشىگە ناھايىتى ئوخشايتتى. بيەن يۇڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى تۇتماقچى بولدى، جىنايەت گۇماندارى پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، بيەن يۇڭ موتوسىكلىتنىڭ يولىنى توسۇپ، ئۇنى موتوسىكىلىتتىن ئىتتىرىپ چۈشۈردى.
ئارقىدىن، سەپداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇنى يەرگە ياتقۇزدى ۋە نەق مەيداندا تەخمىنەن 23 كىلوگرام كىرىستال زەھەرنى قولغا چۈشۈردى. ئۇلار بۇ كىشىنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ بېلىدە بىر خەنجەر بارلىقىنى بايقىدى.
بۇ دېلونى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىنكى كېچىدە، ئۇ ياتاقتا ئۈچىنچى پارچە ۋەسىيەتنامىسىنى يېزىپ، ھايات-ماماتتا بىللە بولغان سەپدىشىگە قالدۇردى. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: «ئەگەر مەن بىر كۈنى ئۆلۈپ كەتسەم، سىلەر چوقۇم زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەڭلار، مەنمۇ مەڭگۈلۈك يۇلتۇزغا ئايلىنىمەن، كېچىدە سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى يورۇتىمەن، دېلو بېجىرگەن ھەربىر كېچىدە سىلەرنى قوغدايمەن!»
10 يىلدىن بۇيان، بيەن يۇڭ زەھەرگە دائىر دېلودىن 210 نەچچىنى پاش قىلىشقا قاتناشتى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قېتىم 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، ئۈچ قېتىم 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، ئۇ تۇرۇشلۇق دالو چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى قولغا چۈشۈرگەن تۈرلۈك زەھەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 2.7 توننىغا يەتتى. «چېگرادا بىر ئۈلۈش زەھەر كۆپ تۇتۇلسا، ئىچكىرى رايونلاردا ئون ئۈلۈش خەتەر ئازىيىدۇ»، يۈننەندىكى زەھەر چەكلەش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ئويلايتتى.
زەھەر چەكلەش بىرىنچى سېپىدىكى بارلىق خەلق ساقچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!