ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ دۆلەتتە iPhone12نى سېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-16 10:38

فىرانسىيە دۆلەتلىك چاستوتا باشقۇرۇش ئىدارىسى 12-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالما iPhone12 يان تېلېفونىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى رادىياتسىيە قىممىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان، شۇڭا فىرانسىيە ئالما شىركىتىدىن شۇ كۈندىن باشلاپ فىرانسىيە بازىرىدا بۇ تىپتىكى يان تېلېفوننى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. 

ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، فىرانسىيە دۆلەتلىك چاستوتا باشقۇرۇش ئىدارىسى سىمسىز خەۋەرلىشىش كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىندا ئالما iPhone12 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم يان تېلېفونلارنى سىناپ، يان تېلېفونلارنىڭ سېلىشتۇرما سۈمۈرۈش نىسبىتىنىڭ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرگەن. سېلىشتۇرما سۈمۈرۈش نىسبىتى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى بار جايدا ئادەم بەدىنىنىڭ رادىياتسىيە سۈمۈرۈش مىقدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، iPhone12 يان تېلېفونىنىڭ ئادەم بەدىنى سېلىشتۇرما سۈمۈرۈش نىسبىتى ھەر كىلوگرامى 5.74 ۋات بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بەلگىلىگەن ھەر كىلوگىرامى تۆت ۋاتلىق يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن. 

ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئالما شىركىتى چوقۇم دەرھال بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، فىرانسىيەدە iPhone12 يان تېلېفونىنى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك. سېتىلىپ بولغان iPhone12 يان تېلېفونلىرىغا نىسبەتەنمۇ چوقۇم زۆرۈر تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تېزدىن تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. بولمىسا، بۇ شىركەت سېتىلغان يان تېلېفونلارنى يىغىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. فىرانسىيە دۆلەتلىك چاستوتا باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن iPhone12 نىڭ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ كۈنى ئالما شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان iPhone15 يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىدا تۇنجى قېتىم USB Type-C زەرەتلەش ئېغىزى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئۆزىگە خاس چاقماق زەرەتلەش ئېغىزىنىڭ ئورنىنى ئالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2024-يىل كۈزگىچە USB Type-C ئۇلاش ئېغىزى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە فوتو ئاپپارات قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆلچەملىك توك قاچىلاش ئېغىزى قىلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنداق قىلىش ئېلېكتىرونلۇق ئەخلەتلەرنى ئازايتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ دۆلەتتە iPhone12نى سېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى!

ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئالما شىركىتى چوقۇم دەرھال بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، فىرانسىيەدە iPhone12 يان تېلېفونىنى سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك