بۇلار تاشقى پىلانېتا جانلىقلىرىنىڭ جەسەت سۆڭىكىمۇ؟
شۇ جاي ۋاقتى 12-سېنتەبىر، مېكسىكا پارلامېنتى تۇنجى قېتىم «نامەلۇم غەيرىي ھادىسە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى چاقىرىپ، تاشقى پىلانېتا جانلىقلىرى دەپ قارالغان ئىككى جەسەت سۆڭىكىنى كۆرگەزمە قىلدى.
شۇ كۈندىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، مېكسىكا پارلامېنتى سىرتقا ئىككى گۇمانىي «تاشقى پىلانېتا جانلىقى»نىڭ جەسەت سۆڭىكىنى كۆرگەزمە قىلدى. بۇ ئىككى جەسەت سۆڭىكى 2017-يىلى پېرۇدا بايقالغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم بۇنىڭدىن 1800 يىل ۋە 700 يىل بۇرۇنقى جەسەت سۆڭىكى ئىكەن. جەسەت سۆڭىكى بېشى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ھەربىر قولىدا ئۈچ تال بارماق بار ئىكەن. جەسەت سۆڭىكى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان DNA تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇلارنىڭ ئىنسان ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن.
نۆۋەتتە بۇ ئىككى جەسەت سۆڭىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىنىۋېتىپتۇ. ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەن بىر كىشى بۇ ئىككى «جەسەت سۆڭىكى»نىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئارقىلىق ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىغان. بۇ دۆلەت بەلكىم دۇنيا بويىچە «تاشقى پىلانېتا جانلىقلىرى»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
14-سېنتەبىر، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسى گۇرۇھىنىڭ سۇپىسىدا مۇنداق دېيىلدى: بىز ھازىرغا قەدەر ئالەم قاتنىشى پائالىيىتىدە تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تولۇق دەلىل-ئىسپاتنى بايقىمىدۇق.