ئۇلار قىزنى «لايىقى»نىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى
يېقىندا، خۇنەننىڭ چاڭشادىكى بىر بانكىدا لىققىدە خەت يېزىلغان بىر پارچە كەسىپ بېجىرىش قەغىزى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر قىزنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، بىر ئەر بىر قىزنى باشلاپ بانكىغا كەلگەن، ئەر بانكا خىزمەتچىلىرىگە: «بۇياق ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن قالغان، ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن بانكا كارتىسىنى يىتتۈرۈپ قويۇپتۇ، مەن ئۇنىڭ لايىقى. مەن ئۇنىڭ بانكا كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش ۋە بانكىغا قالدۇرغان تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرىشىپ بەرگىلى كەلدىم» دېگەن.
بانكا خىزمەتچىسى يۈەن چاۋچۈننىڭ كۆزى بۇ قىزنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشقاندا، قىزنىڭ قورۇنىۋاتقانلىقى ۋە ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. يۈەن چاۋچۈن بۇ قىزنى ئاۋارىچىلىققا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلىنىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار كەسىپ بېجىرگەندە تور نۇقتىسى مۇدىرىنىڭ ياردەملىشىشى كېرەكلىكىنى باھانە قىلىپ، تور نۇقتىسى مۇدىرى شيۇڭ يۈجيېنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئېيتقان. ئارقىدىن شيۇڭ يۈجيې كەسكىن بىر قارارغا كېلىپ، بۇ قىزنى مالىيە باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرگەن ھەمدە ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئىشخانا ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
«سىزگە ياردىمىمىز كېرەكمۇ؟»، «بانكا كارتىڭىز راستتىنلا يۈتۈپ كەتتىمۇ؟»، «قالدۇرغان بۇ تېلېفون نومۇرى ئۆزىڭىزنىڭ نومۇرىمۇ ياكى ھېلىقى ئەرنىڭ نومۇرىمۇ؟»، «ئۇنى تونۇمسىز؟»، «ئۆيىڭىزدە ئالاقىلاشقىلى بولىدىغان بىرەرسى بارمۇ؟»، «110غا تېلېفون ئۇرسام بولامدۇ؟»...
كەسىپ بېجىرىش قەغىزى بانكا تور نۇقتىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋە ياردەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ يازغان خەتلىرى بىلەن لىق تولدى.
ئەسلىدە بۇ قىز ۋېنجۇدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئەر مۇھەببەتلىشىشنى باھانە قىلىپ، بۇ قىزنى ئالداپ چاڭشاغا ئەكەلگەن، ئاندىن بۇ قىزنىڭ جاپالىق ئىشلەپ تاپقان 4600 يۈەن پۇلىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغان ھەمدە ئۇنى يەنە 2000 يۈەن ئاغدۇرۇپ بېرىشكە قىستىغان، بۇ قىز ئامالسىزلىقتىن بانكا كارتام يوقاپ كەتتى دەپ يالغان ئېيتىپ، بانكا خادىملىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولغان.
تور نۇقتىسىدىكى خىزمەتچىلەر ئىشنىڭ باش-ئايىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال 110غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان ھەمدە تور نۇقتىسىدىكى باشقا خادىملارغا بۇ ئەرنى قاچۇرۇپ قويماسلىقنى ئۇقتۇرغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئەرنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش قىلمىشىنى توسقان ھەمدە ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بۇ ئەرنى ئېلىپ كەتكەن.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بانكا خادىملىرى ۋېنجۇدىن كەلگەن بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى: «ئاڭلىساق سىڭلىم ئالدىنىپ قاپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ ئۆيدىكىلەر بەكلا ئەنسىرىدۇق، سىڭلىمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان، يەنە كېلىپ بۇ ئىش يات شەھەردە يۈز بېرىپتۇ، ئەگەر بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن بولسا قانداقمۇ قىلار بولغۇيتتۇق، سىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز».
ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان قىزغا «ئۈن-تىنسىز» ياردەم بېرىپ، ياخشى نىيەت بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان زېرەك خىزمەتچىلەرگە ئالقىش ياڭرىتىمىز!