ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت بايرىمىدىكى بېلەتلەرنى ئالالمايۋاتامسىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-20 08:23

جۇڭگو دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى» دېيىلىدۇ)دىن ئىگىلىنىشىچە، 13-سېنتەبىر دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى كۈنى، يەنى 27-سېنتەبىرنىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىش باشلانغاندىن بۇيان، بېلەت سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان. 13-سېنتەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە، جەمئىي 74 مىليون 50 مىڭ تال پويىز بېلىتى سېتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 15-سېنتەبىر كۈندىلىك بېلەت سېتىلىش مىقدارى 22 مىليون 877 مىڭ تال بولۇشتەك تارىخىي رېكورت يارىتىلغان.

دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى توشۇش بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، بىر قىسىم قىزىق يۆنىلىشلەر، قىزىق ۋاقىت بۆلەكلىرىدە پويىز بېلىتى قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، يولۇچى دوستلار ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت، ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشتىكى بېلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، بېسىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ سەپەرگە چىقىشنى تاللىسا بولىدىكەن، تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋېلىش، ئوتتۇرىدا ئالمىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسىمۇ بولىدىكەن.

تۆمۈر يول 12306 سىستېمىسىدا تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋالغاندا ھېچقانداق رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ، بېلەت سېتىۋالغۇچى تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋېلىشنى زاكاز قىلغاندىن كېيىن، بېلەت پۇلىنى ئالدىن پۇل تۆلەيدۇ، بېلەت سېتىش سىستېمىسى ئىزچىل تۇلۇقلاش ئېھتىياجنى نەقلەشتۈرۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئەگەر ماس كېلىدىغان بېلەت بولسا، سىستېما چىقىم قىلىنغان زاكاز تالونىنى ئاپتوماتىك چىقىرىدۇ ھەمدە بېلەت سېتىۋالغۇچىغا ئۇقتۇرىدۇ، ئالدىن تۆلەنگەن پۇل ئەمەلىي بېلەت باھاسىدىن كۆپ بولسا، سىستېما ئارتۇق سوممىنى ئاپتوماتىك قايتۇرىدۇ؛ ئەگەر تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، تولۇقلىما زاكاز تالونىدا ئالدىن تۆلەنگەن پۇل ئاپتوماتىك ھالدا تولۇق قايتۇرۇلىدۇ. يولۇچى دوستلار بىر قانچە «چېسلا، پويىز قېتىمى، ئورۇن ئايرىمىسى»نى گۇرۇپپىلاپ تولۇقلاپ زاكاز قىلىپ، تولۇقلىما بېلەتنى نەقلەشتۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرسا بولىدۇ.

يولۇچى دوستلارنىڭ بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز بېلىتىنى سېتىۋالالمىسا، ئوتتۇرىدا ئالمىشىش، بۆلەكلەرگە بۆلۈپ سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. تۆمۈر يول 12306 سىستېمىسى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى ۋە ئارتۇق بېلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، يولۇچىلارغا ئارتۇق بېلەت بار لىنىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىدا ئالمىشىش لايىھەلىرىنى ئاپتوماتىك تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە، تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ ئالمىشىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 100 ئاساسلىق ۋوگزالدا ۋوگزال ئىچىدە ئالمىشىشقا قولاي يول تەسىس قىلىپ، ۋوگزال خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى، يولۇچىلار ۋوگزالدىن چىقمايلا پويىز كۈتۈش زالىغا كىرىپ پويىز ساقلاپ، ئوتتۇرىدا ئالمىشىش ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتالايدۇ.

تۆمۈر يول تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىنتېرنېت ياكى يان تېلېفون تېرمىنالىدا بېلەت سېتىۋالىدىغان يولۇچىلار، تۆمۈر يول 12306 تور بېكىتى (ئابونتلار تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئورگان تەرەپ پويىز بېلىتىنى توردا ساتىدىغان بىردىنبىر يول بولۇپ، ھېچقانداق قوشۇمچە ھەق ئېلىنمايدۇ، يولۇچى دوستلارنىڭ ئورگان تەرەپ يولى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىشىنى، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى سورايمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت بايرىمىدىكى بېلەتلەرنى ئالالمايۋاتامسىز؟

دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى توشۇش بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بولغاچقا،