ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىنى بېشى بىلەن تىرەپ تۇرغان بۇ ئەر تېپىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-21 08:29

يېقىندا، گۇاڭدۇڭنىڭ جەنجياڭ شەھىرى سۈيشى ناھىيەسىدە بىر بالا دېرىزە رېشاتكىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ بېشى تۆمۈر رېشاتكا ئارىسىغا كەپلىشىپ قالدى، خەتەرلىك پەيتتە، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئەر بىناغا يامىشىپ چىقىپ بالىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، بالىنى قولى بىلەن كۆتۈرۈپ ماغدۇرى قالمىغاندا بېشى بىلەن تىرەپ تۇردى.

13-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 5دە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى سۈيشى ناھىيەسى چېڭخېبىن يولىغا جايلاشقان مەلۇم بىر ئاھالىلەر بىناسىدا مۇنداق خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەردى: بىر بالا 3-قەۋەتتىكى ئۆينىڭ دېرىزە رېشاتكىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ بېشى تۆمۈر رېشاتكا ئارىسىغا كەپلىشىپ قالدى، بالىنىڭ تېنى بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇراتتى. ئەتراپتىكى ئاھالىلەر تۇشمۇتۇشتىن بىنا ئەتراپىغا يىغىلىپ بالىنى قۇتقۇزماقچى بولدى.

دەل بۇ چاغدا، شەھەر ئاھالىسى خۇاڭ جىچۈن زاۋۇتتىن ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ بۇ خەتەرلىك ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال ماشىنىسىنى توختاتتى ھەمدە يۈگۈرۈپ بېرىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تام ۋە سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن پايدىلىنىپ، تەخمىنەن 10 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان 2-قەۋەتتىكى ئۆينىڭ تۆمۈر رېشاتكىسىغا يامىشىپ چىقتى.

خۇاڭ جىچۈن بالىنىڭ بوينىنىڭ رېشاتكىغا كەپلىشىپ قالغانلىقىنى، بۇنداق تۇرۇۋەرسە تۇنجۇقۇپ قالىدىغانلىقىنى پەملىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال بىر قولىدا تۆمۈر رېشاتكىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا بالىنى كۆتۈرۈپ تۇردى. بىر قولى بىلەن بالىنى خېلى ئۇزۇن كۆتۈرۈپ تۇرغاچقا، خۇاڭ جىچۈننىڭ قولىدا ماغدۇر قالمىدى. يەنە كېلىپ ئۇ دەسسەپ تۇرغان قاڭالتىر تاختاي يامغۇردىن كېيىن ھۆل بولۇپ كەتكەچكە ھەمدە تامدىمۇ تۇتۇپ تۇرغۇدەك بىرەر نەرسە بولمىغاچقا، خۇاڭ جىچۈن ئىككى پۇتىنى ئاستىدىكى تۆمۈر رېشاتكىغا مىنگەشتۈرۈپ، بەدىنىنى سەل-پەل ئالدىغا ئېگىپ، بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى بېشى بىلەن تىرەپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بۇ خىل غەلىتە ھالەتتە ئۇ شۇنچە قىينالغان بولسىمۇ لېكىن پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىنى تىرەپ تۇردى.

بىنانىڭ ئاستىدا بولسا ئەتراپتىكى قوشنىلار ئۇلارنىڭ يېقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆيلىرىدىن يوتقانلىرىنى ئېلىپ چىقتى، يەنە بەزى قوشنىلار قۇلۇپنى بۇزۇپ كىرىپ بالىنى رېشاتكىدىن تارتىپ چىقارماقچى بولدى. خۇاڭ جىچۈن بالىنى تىرەپ تۇرغىنىغا 10 مىنۇتلارچە بولغاندا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كەلدى ۋە بالىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇتقۇزۇۋالدى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۆيدىكى چوڭلار بالىنىڭ ئاچىسىنى ئالغىلى كەتكەن بولۇپ، ئوغلىنى ئۆيىگە يالغۇز قويۇپ قويغان. ئويلىمىغان يەردىن بالا دېرىزىنىڭ تۆمۈر رېشاتكىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ بوينى كەپلىشىپ قالغان، بەختكە يارىشا بالا خەتەردىن ئامان قالغان، بالا بىلەن خۇاڭ جىچۈن ئىككىلىسى يارىلانمىغان.

بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن، ئۆزى ئورۇقراق كەلگەن خۇاڭ جىچۈن بالىنى قۇتقۇزغان ۋاقىتتىكى خەتەرلىك ئەھۋال ئۈستىدە توختالغاندا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا خەتەرلىكمۇ-خەتەرلىك ئەمەسمۇ دېگەنلەرنى ئويلىغۇدەكمۇ بولمىدىم، چۈنكى بالىنى قۇتقۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم تۇرسا. ھېلىمۇ ياخشى ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرغىنىمنىڭ پايدىسى بولدى، يەنە كېلىپ شۇ چاغدا ئۆزۈممۇ غەيرەتكە تولدۇم، ھازىر قايتا يامىشىپ چىقىپ باق دېسە بەلكىم چىقالماسلىقىم مۇمكىن. 

خۇاڭ جىچۈن ۋەقە يۈز بەرگەندە بالا كەپلىشىپ قالغان ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ تۆمۈر رېشاتكىسىنى كۆرسەتمەكتە

خەتەرلىك پەيتتە، 

ئۇنىڭ بېشى ئەڭ مۇستەھكەم يەر بولدى، 

خۇاڭ جىچۈن، يارايسىز!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىنى بېشى بىلەن تىرەپ تۇرغان بۇ ئەر تېپىلدى

يېقىندا، گۇاڭدۇڭنىڭ جەنجياڭ شەھىرى سۈيشى ناھىيەسىدە بىر بالا دېرىزە رېشاتكىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ بېشى تۆمۈر رېشاتكا ئارىسىغا كەپلىشىپ قالدى،