بۇ كېسەل نۇرغۇن كىشىنى قىينىماقتا
ھەپچۈش!
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزى، بۇرۇنى قاتتىق قىچىشىپ، ئۇلاردا توختىماي چۈشكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، بۇنى سىز ھەرگىز زۇكاممىكىن دەپ قالماڭ، بۇ بەلكىم كۈز پەسلىدىكى گۈل چېڭىنىڭ تەسىرىدىن بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قالايمىقانلاشقاندا، ئۇ خاتا ھالدا تاشقى دۇنيادىكى پايدىلىق ياكى زىيانسىز ماددىلارنى زىيانلىق ماددا دەپ قاراپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، تاشقى دۇنيادىكى زىيانسىز ماددىلارنى زىيادە چەتكە قاقىدۇ، ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشىنى، يەنى زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟
زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلى ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدا يۈز بېرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بالىلىق دەۋرىدە ھۆل تەمرەتكىلىك تېرە ياللۇغى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە بۇرۇن ياللۇغى، زىققا كېسىلى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ياشانغان مەزگىلدە زىققا كېسىلىگە ھۆل تەمرەتكە ياندىشىپ كۆرۈلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئالدى بىلەن كەسپىي دوختۇرخانىغا بېرىپ زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك. ئەگەر ھەقىقەتەن كېسەللىك بولسا ئىلمىي ئۇسۇلدا دورا ئىچىپ داۋالىنىش كېرەك. بۇرۇن ياللۇغى ئېغىرلىشىپ زىققا كېسىلىگە ئايلانغان بىمارلارنى سېزىمچانلىقنى يوقىتىش ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق كېسەلنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنى توسقىلى بولىدۇ.
قانداق ئەھۋاللاردا زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؟
بالىلىق دەۋرىدە ھۆل تەمرەتكە ياكى ئالاھىدە خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى كۆرۈلۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، ياكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلسا، ھەتتا ئېغىرلاشسا، زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. ئەگەر ياشلاردا چۈشكۈرۈش، ماڭقا ئېقىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇن قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، جۈملىدىن كۆز قىچىشىش، كۆز قىزىرىش، ياش تۆكۈلۈش، دەم سىقىلىش قاتارلىقلار بولسا ھەمدە بۇ ئالامەتلەردىن ئاز بولغاندا ئىككى خىلى بىر كۈن ئىچىدە بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا، زىيادە سېزىمچانلىقتىن بولغان بۇرۇن ياللۇغى ياكى زىققا كېسىلىدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم تەكشۈرۈتۈش كېرەك. ياشانغانلاردا ھۆل تەمرەتكە، زىققا كېسىلى تەكرار كۆرۈلسە، توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى پەيدا بولسا، ھەتتا نەپەس ئېلىش قىيىنلاشسا، زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈتۈش كېرەك. ئەگەر چارچاش، روھىي جىددىيلىشىشتىن كېيىنمۇ بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلسە تەكشۈرۈتۈش كېرەك.
زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتە قانداق ئۇسۇللار بار؟
كىلىنىكىدا بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ئۈچ خىل بولىدۇ:
يىڭنە سانجىش
زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ماددىلار سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇ كىچىك يىڭنىگە تەگكۈزۈلۈپ يىڭنە بىلەككە سانجىلىدۇ، ئاندىن تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كېيىن چوڭراق قىزىل داغ ياكى سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىنى كۆزىتىمىز.
قان تەكشۈرۈش
كىلىنىكىدا سۈمۈرۈش سەۋەبىدىن بولغان زىيادە سېزىمچانلىق، يېمەكلىك مەنبەلىك زىيادە سېزىمچانلىققا كۆپ ھاللاردا قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى، بەدەنگە بولغان زىيىنىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
چاپلاق چاپلاش تەجرىبىسى
ئاساسلىقى مەلۇم بۇيۇم بىلەن ئۇچراشقاندا كېلىپ چىقىدىغان زىيادە سېزىمچانلىققا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇيۇملار، مەسىلەن، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، مېتال، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى مۇئەتتەر قاتارلىقلارنى سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن بىمارنىڭ بەدىنىگە چاپلاپ، ئۈچ كۈن قويۇپ قويۇپ زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈلىدۇ. بەزى كىشىلەردە قىسمەن جايلاردا قايتا-قايتا ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ، بۇ بەلكىم بەزى غىدىقلىغۇچى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بىمارلار چاپلاق چاپلاش تەجرىبىسى قىلىشقا ماس كېلىدۇ. بۇنداق ھۆل تەمرەتكە كۆرۈلگەن بىمارلارنى داۋالاشتا، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلاردىن ساقلىنىش، مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتىش كېرەك.