ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

8-ئايدا ئېلىمىز ئىقتىسادى داۋاملىق ياخشىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-21 15:19

سىياسەت «بىرىكمە كۈچى» ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ياخشى ۋەزىيىتى مۇستەھكەملەندى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەن سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8-ئايدا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى داۋاملاشتى، كۆپ ساندىكى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مارگىنالى ياخشىلاندى، ئاكتىپ ئامىللار جۇغلانمىسى كۆپەيدى. 

8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ ئاساسىي جەھەتتىن چۈشۈرۈلۈپ بولدى، يېڭىدىن تارقىتىلغان يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى پۈتۈن يىللىق نورمىنىڭ تەخمىنەن %80ىنى ئىگىلىدى، ئاساسىي پۇلنىڭ تارقىتىلىشى كۆپەيدى، كىرېدىت ئومۇمىي مىقدارى داۋاملىق ئاشتى، ئامانەت-قەرز بازىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلەپ، يۆتكىلىشچانلىقى داۋاملىق مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىز كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە باجدا ئېتىبار بېرىش، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قەرز پۇلى ئارقىلىق قوللاش پىلانى قاتارلىق بىر تۈركۈم سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلەتتى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سوڭ لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8-ئايدا كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەسلىگە كەلدى، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى تارايدى، سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىرىش باھاسى ۋە كارخانا پايدىسىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى داۋاملىق تارايدى، ياسىمىچىلىقنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرغۇچىلار كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئۆرلىدى، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى ئاكتىپ ئامىللار جۇغلاندى، يارقىن نۇقتىلار كۆپەيدى، ئىجتىمائىي كۆزلىمىدە ياخشىلىنىش بولدى.

نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ مالىيە ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 8-ئايغىچە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولدى. مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەزىنىسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى شيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى مەركەز مالىيەسى يەرلىككە 10 تىرىليون 60 مىليارد يۈەن يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىك مالىيەنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك مالىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەزنىڭ يەرلىككە يۆتكەپ قىلغان چىقىمى 9 تىرىليون 550 مىليارد يۈەنگە يەتتى، شارائىتى ھازىرلانغانلىرىنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلۈپ بولدى.

ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، سانائەت جەھەتتە، ئېلىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. مالىيە جەھەتتە، مالىيە كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى ئاشۇرىدۇ. پۇل سىياسىتى جەھەتتە، دۆلىتىمىز پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق دەل جايىدا، كۈچلۈك، ياخشى يولغا قويۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە سىياسەت زاپىسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

8-ئايدا ئېلىمىز ئىقتىسادى داۋاملىق ياخشىلاندى

سىياسەت «بىرىكمە كۈچى» ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ياخشى ۋەزىيىتى مۇستەھكەملەندى