1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشتا پۈتۈن لىنىيەدە سۇ باشلاندى
جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى شەرقىي لىنىيەسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 11-يىللىق سۇ باشلاش خىزمىتى پۈتۈن لىنىيە بويىچە رەسمىي باشلاندى
جۇڭگو جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش گۇرۇھىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىگىچە، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىدا شىمالغا جەمئىي 60 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق سۇ يەتكۈزۈلگەن، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، خېنەندىكى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن ئاھالە 108 مىليوندىن ئاشقان.
جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش شەرقىي لىنىيەسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 11-يىللىق پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى رەسمىي باشلاندى، سۇ بىلەن تەمىنلەش رايونىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدۇ.
11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شەندۇڭ ئۆلكىسى زاۋجۇاڭ شەھىرىگە جايلاشقان تەيئېرجۇاڭ سۇ پومپىسى پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى شەرقىي لىنىيەسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 11-يىللىق سۇ باشلاش خىزمىتى پۈتۈن لىنىيە بويىچە رەسمىي باشلاندى.
جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش شەرقىي لىنىيەسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىقى خۇاڭخې-خۇەيخې-خەيخې تۈزلەڭلىكىنىڭ شەرقىي ۋە شەندۇڭ يېرىم ئارىلىغا سۇ تولۇقلىنىدۇ، 2013-يىلى 11-ئايدا رەسمىي سۇ باشلانغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە لىنىيە بويىدىكى 68 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا