بانكىلار تەڭلا ئۇقتۇرۇش چىقاردى
13-نويابىر، جۇڭگو بانكىسى «2024-يىللىق كىرېدىت كارتىسىنىڭ قىسمەن مۇلازىمەت ھەققىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، كىرېدىت كارتىسىنىڭ بىر قىسىم مۇلازىمەت ھەققىنى كېمەيتتى ۋە كەچۈرۈم قىلدى. كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان تۈرلەر ئىچىدە «جۇڭگو بانكىسى» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى بېجىرگەن كارتا ئىگىسىنىڭ ئۆز مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ پوكەيدىن نەق پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققى، پۇل يۆتكەش، مېمورىيال قىلىش رەسمىيەت ھەققى، كىرېدىت كارتىسىنى تولۇقلاپ تارقىتىش ھەققى، بۇزۇلغان كارتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىق 11 تۈر بار. جۇڭگو بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى قىسمەن ھەقلەرنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش باسقۇچ خاراكتېرلىك ئېتىبار بېرىش بولۇپ، ۋاقتى 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.
جۇڭگو بانكىسى 30-ئۆكتەبىر كىرېدىت كارتىسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال ئۆستۈرۈپ، 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يول قويۇلىدىغان پەرق چېكىنى 100 يۈەنگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
جۇڭگو بانكىسىدىن باشقا، سودا-سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسىمۇ 30-ئۆكتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كارتا ئىگىسى شۇ مەزگىلدىكى قەرزنى تولۇق سومما بويىچە قايتۇرمىغان بولسا، شۇنداقلا قايتۇرۇلمىغان قىسمى 100 يۈەن (ياكى شۇ قىممەتتىكى چەت ئەل پۇلى) دىن تۆۋەن بولسا، كارتا ئىگىسى نورمال تولۇق سومما بويىچە قايتۇرغان دەپ قارىلىدۇ.
يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم بانكىلار كىرېدىت كارتىسى مۇلازىمىتىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئاساسلىقى كارتا ئىگىلىرىنى داۋاملىق ھەقسىز كىرېدىت كارتىسى سودىسى ئەسكەرتمىسى ۋە قالدۇق سومما ئۆزگىرىشىنى ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، كارتا ئىگىسىنىڭ كىرېدىت كارتىسىدىن ئارتۇق تاپشۇرغان پۇلىنى چېگرا ئىچىدىكى شۇ بانكىدىكى ھېسابىغا يۆتكەپ بېرىش رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كىرېدىت كارتىسى ئادەتتىكى كارتىسى ۋە ئالتۇن كارتىسىنىڭ يىللىق ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، كىرېدىت كارتىسىنىڭ يول قويۇلىدىغان ۋاقىت، يول قويۇلىدىغان پەرق مۇلازىمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، كىرېدىت كارتىسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مەسىلەن، كىرېدىت كارتىسىنىڭ يول قويۇلىدىغان پەرق مۇلازىمىتى جەھەتتە، نۇرغۇن چوڭ بانكىلار ئېلان چىقىرىپ، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۈچ كۈن ئۇزارتىش ئاساسىدا، كىرېدىت كارتىسىنىڭ يول قويۇلىدىغان پەرق مۇلازىمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يەردە دېيىلگەن «يول قويۇلىدىغان پەرق مۇلازىمىتى» دېگىنىمىز، ئەگەر كارتا ئىگىسى شۇ مەزگىلدە قەرزنى تولۇق قايتۇرمىغان بولسا ھەمدە قەرزنىڭ قەرەلى توشقاندا قايتۇرمىغان قىسمى بەلگىلەنگەن سوممىدىن ئاز ياكى ئۇنىڭغا تەڭ بولسا، كارتا ئىگىسىنى قەرزنى تولۇق سومما بويىچە قايتۇردى دەپ قاراشقا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا جۇڭگو بانكا كەسپى جەمئىيىتى «بانكىلارنىڭ قىسمەن مۇلازىمەت باھاسىنى تەڭشەپ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش تەشەببۇسنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، بانكىچىلىقنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا يەنىمۇ يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنى پۇل مۇئامىلە ئىستېمالىدا ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلدى. بۇنىڭدا يەنە كىرېدىت كارتا تارقاتقان بانكىلارنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ جانلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىلدى.