ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇقتىن نېفىت تېپىلدى!
مۇخبىرنىڭ 15-نويابىر جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى «چوڭقۇر يەر 1-نومۇرلۇق» سەكرەپ ئىلگىرىلەش 3-3XC قۇدۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان سىناقتا يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت ۋە گاز ئېقىمى بايقالغان. بۇ قۇدۇقنىڭ بۇرغىلانغان چوڭقۇرلۇقى 9432 مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق رېكورتى يېڭىلانغان. بۇ قۇدۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش جۇڭگونىڭ چوڭقۇر يەر سىستېمىسى تېخنىكىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامغا يۈرۈش قىلىشنى مۇھىم تېخنىكا ۋە جابدۇق زاپىسى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ تۈرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاز كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدا يانتۇ چوڭقۇرلۇق ۋە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى قۇدۇقنى گورىزونتال سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈردە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق رېكورتى يارىتىلدى. «چوڭقۇر يەر 1-نومۇرلۇق» سەكرەپ ئىلگىرىلەش 3-3XC قۇدۇقى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان، قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 9432 مېتىرغا يېتىدۇ، تېگىدىن ھېسابلىغاندا ئېگىزلىكى جۇمالاڭما چوققىسىنىڭكىدىن 584 مېتىر ئېگىز.
ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇشتىن باشقا، بۇ قۇدۇقتا يەنە 3400 مېتىردىن ئاشىدىغان گورىزونتال ئارىلىق لايىھەلەنگەن، كىيدۈرمە تۇرۇبىنى ئاستىغا كىرگۈزۈش قىيىن بولۇش، تاش ئۇۋاقلىرى گورىزونتال بۆلەكتە ئوڭايلا «تاش ئۇۋاقلىرى ياتمىسى» ھاسىل قىلىش قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەرمۇ بار، شۇڭا قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇ قۇدۇقنى بۇرغىلاش بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 177 كۈن قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بۇرغىلىنىپ بولدى.