ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-17 14:24

«ب د ت نىڭ چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسى يېقىندا ئەھدىنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، قۇم-بوران ئاپىتى تولۇق نەزەرگە ئېلىنمىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قۇم-بوران ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە %25 قۇم-بوران ئاپىتىنى ئىنسانلار پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېدى.

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە قۇم-بوران ئاپىتى يۈز بەردى. (سۈرەت مەنبەسى: رېيتېر ئاگېنتلىقى)

كاتىبات باشقارمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ھەر يىلى تەخمىنەن 2 مىليارد توننا چاڭ-توزان ئاتموسفېراغا كىرمەكتە. بىر قىسىم رايونلاردا چاڭ-توزان  20-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بىر ھەسسە كۆپەيدى.

كاتىبات باشقارمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قۇم-بوران ئاپىتى گەرچە دائىم كۆرۈلىدىغان رايون ۋە پەسىل خاراكتېرلىك تەبىئىي ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەر ۋە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىق، قۇرغاقچىلىق ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئېغىرلىشىدۇ.

ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ تېخنىكا ئەمەلدارى فېلاس زىيادات مۇنداق دېدى: قۇم-بوران ئاپىتى مۇھىت، كىلىمات، ساغلاملىق، يېزا ئىگىلىك، تىرىكچىلىك ھەمدە شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قۇم-بوران چىقىدىغان رايونلاردا، قۇم-بوران زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، چارۋىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۆكۈندى رايونلاردا، ئاتموسفېرادىكى چاڭ-توزانلار شۇ جاينىڭ سانائەت بۇلغىمىسى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش ۋە چاڭ-توزان كەلتۈرۈپ چىقارغان مېخانىكىلىق كاشىلىلار خەۋەرلىشىش، توك تارقىتىش، تىرانسپورت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

«ب د ت نىڭ چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئىبراھىم تىئو مۇنداق دېدى: قۇم-بوران ئاپىتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلدى، شىمالىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا قاتارلىق جايلارغىچە قۇم-بوران ئاپىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى. ھالبۇكى، ئىنسانلار پائالىيىتى قۇم-بوران ئاپىتىنى كۆپەيتىۋەتكىنىگە ئوخشاش، ئىنسانلار پائالىيىتى يەنە قۇم-بوران ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى!

«ب د ت نىڭ چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى» كاتىبات باشقارمىسى يېقىندا ئەھدىنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ،