ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاتا-ئانامنى كۆرسەم دەيمەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-27 18:06

 

«باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋېلىسىپىت مىنىپ بولسىمۇ كېلىپ بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، لېكىن مەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاتا-ئانامنى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىدىم». سىرتتا ئىشلەۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان لو جۈن قىزىنىڭ يۇرتىدىن ئەۋەتكەن خېتىدىكى بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇشنى قارار قىلدى. 

 

 

01

لو جۈننىڭ بۇرۇنقى خىزمىتى ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش بولۇپ، دائىم كاماندىروپكىغا چىقىشقا توغرا كېلەتتى، ئايالىمۇ يىل بويى سىرتتا ئىشلەيتتى، شۇڭا قىزىنى نائىلاج چوڭ ئۆيىدە قويۇپ قويۇشقا توغرا كەلدى. 2020-يىلى گۇاڭدۇڭنىڭ فوشەندە 27 يىل خىزمەت قىلغان لو جۈن تۇيۇقسىز قىزى ئەۋەتكەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالدى، قىزى خېتىدە «باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋېلىسىپىت مىنىپ بولسىمۇ كېلىپ بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، لېكىن مەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاتا-ئانامنى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىدىم» دەپ يازغانىدى. 

بۇ خەت لو جۈننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى، قىزىنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان تەشنالىقىنى ھېس قىلغان لو جۈن چۇڭچىڭ چىجياڭدىكى يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلدى.

 ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ھەممە ئىشنى باشتىن باشلاشقا توغرا كەلدى، لو جۈن ئاپتوموبىل سېتىۋالدى ھەمدە توردا تاكسى شوپۇرى بولۇشقا تىزىملاتتى. ئۇ تۇنجى يىلى 120 مىڭ كىلومېتىر يول يۈردى ھەم ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولدى. 

لو جۈن ھەر كۈنى ئەتىگەندە قىزىغا ناشتىلىق تەييارلاپ بولۇپ يولغا چىقىدۇ، كەچتە مەكتەپتىن قايتقان قىزىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىدۇ. يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئۇ يەنە دائىم ئاتا-ئانىسىنى يوقلىيالايدىغان بولدى، بۇلارنى ئۇ ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، لو جۈننىڭ ئوغلىمۇ يۇرتىغا قايتىپ، تور تاكسى شوپۇرى بولدى، قىزىمۇ چۇڭچىڭ ياغاچ-تاش قۇرۇلۇشى شۈيۈەنىگە ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

دادىسىنىڭ تەسىرىدە قىزى قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كەسپىنى تاللىدى. يىل ئاخىرىدا لو جۈننىڭ ئايالىمۇ يۇرتىغا قايتىدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى قايتا جەم بولىدىغان بولدى.

 

02

بۇ يىل 6-ئايدا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ئىمتىھان بەرگۈچى جېڭ خاۋرەن 685 نومۇر بىلەن بېيجىڭ داشۆسىگە قوبۇل قىلىندى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى ناھايىتى خۇشال قىلدى. جېڭ خاۋرەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ باشقا جايدا ئىشلەۋاتقان دادىسىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. جېڭ خاۋرەننىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭدا تور تاكسى شوپۇرى بولۇۋاتقان دادىسى جېڭ شۈجۇ بېيجىڭ داشۆسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن سانسىز قېتىم ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپ قورۇسىغا پەقەت كىرىپ باقمىغانىدى. ھازىر ئوغلى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرگە بۇ بىلىم يۇرتىغا كىرىش پۇرسىتىنى ياراتقانىدى. 

جېڭ خاۋرەن مۇنداق دېدى: مەن كىشىلىك ھاياتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن. ئىلگىرى ئاتا-ئانام ئائىلىمىز ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى، ئەمدى مېنىڭ كۈچ چىقىرىدىغان ۋاقتىم كەلدى. 

  بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك «دېدى شوپۇرلىرى بايرىمى»دا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق شوپۇر نەق مەيدانغا كېلىپ شوپۇرلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى، 40 نەچچە مۇنەۋۋەر شوپۇر تەقدىرلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق شوپۇرلارغا «ئون چوڭ ۋەدە»نى بەردى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاتا-ئانامنى كۆرسەم دەيمەن

«باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋېلىسىپىت مىنىپ بولسىمۇ كېلىپ بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ،