ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاخىرئېلان قىلىندى! رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئېنىق...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-29 09:50

رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى: سىملىق تېلېۋىزىيە تېرمىنالى «ئاچقاندىلا پۈتۈن ئېكرانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش» ھالىتىدە كۆرۈنۈشى كېرەك 

مۇخبىرنىڭ 27-نويابىر دۆلەتلىك رادىيو -تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا «سىملىق تېلېۋىزىيە كەسپىي تېخنىكا تەلىپى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە تور ئۈن-سىن كەسپى ئۆلچىمى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، سىملىق تېلېۋىزىيە تېرمىناللىرىدىن «ئاچقاندىلا پۈتۈن ئېكرانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ھالىتىگە كىرىش» ۋە «ئاچقاندىلا گەۋدىلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاناللىرىنى ئالماشتۇرۇش باش بېتىگە كىرىش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل «ئېچىش شەكلى» تاللاش تۈرى بىلەن تەمىنلەشنى، سىستېمىنىڭ نورمال تەڭشىكى «ئاچقاندىلا پۈتۈن ئېكرانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ھالىتى»دە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. 

ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، سىملىق تېلېۋىزىيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قانال كۆپەيتكۈچىنى ئېچىشقا كېتىدىغان ۋاقىت 35 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سىملىق تېلېۋىزىيە تىجارەت ئاپپاراتلىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ۋاقىت بويىچە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان تېلېۋىزىيە، قايتا كۆرۈش، تاللاپ كۆرۈش قاتارلىق سىملىق تېلېۋىزىيە مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەندە، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ئاددىي ۋە دوستانە، مەشغۇلاتنىڭ قولاي ۋە تېز بولۇشىغا، پىروگراممىلارنىڭ ئەلا سۈپەتتە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشتا ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە تېرمىنالىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان 100mbpsدىن تۆۋەن بولمىغان كەڭ بەلباغلىق تورغا ئۇلىغاندىكى پىروگرامما قويۇشقا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ئۇقتۇرۇشتا تاللاپ قويۇلىدىغان پىروگراممىلارنى چەككەندىن باشلاپ بىرىنچى  كۆرۈنۈش چىققۇچە بولغان ئىنكاس ۋاقتى 2sتىن قىسقا بولۇشى، 3.5sدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ پىروگراممىنى ۋاقىتلىق توختىتىش، قويۇش، تېز ماڭدۇرۇش، تېز چېكىندۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ئىنكاس ۋاقتى 2sتىن قىسقا بولۇشى، 3.5sدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ پىروگراممىدىن چېكىنىپ چىقىپ قويۇشتىن بۇرۇنقى بەتكە قايتىش ئىنكاس ۋاقتى 1sتىن قىسقا بولۇشى كېرەك دېگەنلەر تەلەپ قىلىندى.  

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاخىرئېلان قىلىندى! رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئېنىق...

رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى: سىملىق تېلېۋىزىيە تېرمىنالى «ئاچقاندىلا پۈتۈن ئېكرانلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش» ھالىتىدە كۆرۈنۈشى كېرەك