ئاۋۋال ئۆزۈڭ بەختلىك بولۇشنى ئۆگىنىۋال ...
مەنبەسى:ساقلىق ساقلاش     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-27 17:52

بىر دانىشمەن يولدا كېتىۋېتىپ، يەلكىسىگە ئېغىر يۈك ئارتىپ كېتىۋاتقان ئادەمنى كۆرۈپ قالدى. يۈكنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۇ ئادەمنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، ئاياغلىرى چېلىشپ كەتمەكتە ئىدى.

ـ شۇنچە ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ساڭا نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ئۆزۈڭنى بىر ئاز ئايىساڭ بولمامدۇ؟-سورىدى دانىشمەن ئۇنىڭدىن.

ـ مەن بالىلىرىمنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن شۇ يۈكنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن. ئاتاممۇ مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. بوۋاممۇ ئاتام ئۈچۈن، بوۋامنىڭ ئاتىسىمۇ بوۋام ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. ئەمدى مەنمۇ ئۆز بالىلىرىمنىڭ بەختى ئۈچۈن قانچە يۈك بولسا كۆتۈرۈشكە تەييارمەن.

ـ ئېيتچۇ، شۇ ۋاقىتقىچە ئەجدادلىرىڭدىن بىرەرسى بەختلىك بولالىدىمۇ؟- قىزىقىپ سورىدى دانىشمەن.

ـ ھازىرچە يوق. لېكىن بالىلىرىم، ياكى ھېچ بولمىغاندا نەۋرىلىرىم بەختلىك بولالىسا كېرەك،- جاۋاب بەردى ئۇ ئادەم.

ـ مىڭ ئەپسۇسكى، ئۆزى ساۋاتسىز بولغان ئادەم باشقىلارنى ھېچقاچان ئىملاغا ئۆگىتەلمەيدۇ،-خۇرسىندى دانىشمەن،-خۇددى شۇنىڭدەك، يەردە سۆرۈلۈپ يۈرگەن يىلان ھېچقاچان ئاسماندا پەرۋاز قىلالايدىغان قۇشنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرەلمەيدۇ. ئاۋۋال سەن ئۆزۈڭ ھاياتتا بەختىيار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭ شەرت. شۇنىڭدىلا، بالىلىرىڭغا بەختلىك بولۇشنى ئۆگىتەلەيسەن ۋە مانا شۇ ئەۋلادلىرىڭغا قىلغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغاڭ بولىدۇ.